• ئەقىللىق قوي

    يوللانغان ۋاقتى:21-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    بۇ تەرجىمە ئەسەردە بىر ئەقىللىق قوينىڭ ئاخىرى ئۆزىنىمۇ بۆرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالالمىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

     

     

    ئەقىللىق قوي
    فاڭ جۈن يوڭ
     
    بۆرە قويلار توپىغا ھۇجۇم قىلىپ ، يالغاندىن ھىلى ئۇنىڭغا ، ھىلى بۇنىڭغا ئىتىلىپ بىقىپتۇ . بىراق بىرنىمۇ يىيەلمەپتۇ . قورقۇپ كەتكەن قويلار پۇتۇن كۇچى بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشىپتۇ.
    تۇنجى كۇنى ، قويلارغا ھىچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەپتۇ ، بىراق ئۇلار بىر كىچە ئۇخلىيالماپتۇ . ئۇلار بۆرىنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ، يەنە قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى.
    بۆرە2 -كۇنى يەنە كەپتۇ ، ئۇ بىرقوينى يەپ يەنە بىر قوينىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن بولدى قىپتۇ . بۆرە كۆرەڭلىگىنىچە « مەن يەنە كىلىمەن . » دەپ قويۇپ كىتىپتۇ .
    قويلار يەنە بىر كىچە ئۇخلىيالماپتۇ . ئۇلار ۋەھشىيلەشكەن بۇ بۆرىنىڭ زادى قاچان كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن . تاڭ ئاتقاندا بۆرە كەلمەپتۇ . قويلار بۆرە كەلگەندىكىنىدىنمۇ بەكرەك ئەندىشىگە چۇشۇپتۇ .
    شۇنىڭ بىلەن قويلار بۇنداق كىتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرنەچچە ئەقىللىق قوي بۆرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە مەسلەھەتلىشىپتۇ . ئۇلار خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ئامال تىپىپتۇ . ئامال تىپىلغاندىن كىيىن بۇ ئەقىللىق قويلار خاتىرجەم ھالدا ئۇيقۇغا كىتىپتۇ . قالغان قويلار ھىچنىمىنى بىلەلمەپتۇ .
     بۆرە يەنە كەپتۇ ، بۇ كۇنى كەچتە قويلار ناھايىتتى خاتىرجەم ھالدا ئۇخلاپتۇ . بىراق بىر قىرىندىشى كىمىيىپ قاپتۇ.ھەممىسى ئۇ قوينىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلەتتى . بىراق كۆپچىلىكنىڭ ھىچقايسىسى ئەپسۇسلانماپتۇ. چۇنكى ئۇ قويلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز بىر قوي ئىدى . ئەقىللىق قوي مۇنداق دەپتۇ « ئۇ بىز بىلەن ياشاشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ » . قالغان قويلارمۇ ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى تەستىقلاپتۇ .
    كۆپچىلىككە ناھايىتتى ئايانكى ئاجىزلار چوقۇم شاللىنىشى كىرەك .شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار خاتىرجەم ھالدا ئۇخلاپتۇ . ھەمدە ئىلگىرىكىدەك دەككە-دۇككە ئىچىدە ياشىمايدىغان بوپتۇ . پەقەتلا ھىلىقى بىچارە ئاجىز قوينىڭ بىشغا كەلگەن كۇننىڭ ئۆزلىرىگە كىلىپ قىلىشىدىنلا ئەنسىرەيدىكەن . كىم ئەڭ ئاجىز ؟ ھىچقايسىسى ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئاجىز دىمەيدۇ - دە!
    بۆرە قەرەلسىز ھالدا كىلەتتى . بۆرە كىلشىتىن ئىلگىرى ، ئەقىللىق قويلار ناھايتى ئالدىراش بولۇپ كىتەتتى . ئۇلار خىلمۇخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قويلارنى سىلىشتۇرۇپ چىقاتتى . سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق تاللانغان ئەڭ ئاجىز قوي مەجبۇرىي ھالدا قۇربانلىق قوي بولاتتى . ۋاقىت ئاستا –ئاستا ئۆتمەكتە . بۇ قويلارنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى ئازلىماقتا ئىدى . كۇچلۇك –ئاجىزلارنى تاللاش قائىدىسمۇ بارغانسىرى چىڭ ، مەخپىي بولىدىغان بولدى .
     ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قويمۇ بۆرىگە يەم بولدى . ئۇ دەل ئەڭ ئەقىللىق قوي ئىدى . ئۇ مەن ئەڭ ياخشى دەيتتى . ئۇ ناھايىتتى رازى ئىدى ، چۇنكى ئۇ بەرىبىر ئەڭ ئاخىرقى ئۆلگۈچىدە !
    بۇ ئەسەر « گۇاڭجۇ گىزىتى »دىن « نەزەر » ژۇرنىلىنىڭ 2008 – يىللىق 6-سانىغا كۇچۇرۇپ بىسىلغان.
    تەرجىمەقىلغۇچى :ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
    ئادرىس:خوتەن ناھىيە خانئىرىق يىزا سىرىغئۆي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى:13899475337
     
    地址:和田县罕艾日克乡色日格吾依中学教师:
    阿巴斯吾买尔



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    阿巴斯 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 06-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 12:02 06-02-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار