بىر نەچچە ئورۇق ئىت تىمىسقىلاپ يۈرۈپ كانارغا يېقىنلاپ كەلدى، ئۇلار قۇيرۇقىنى دىڭگايتىۋېلىشقان بولۇپ، قۇۋلۇق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئوغرىلىقچە قارايتتى. بۇرنى ئۇچلۇق، ئاچ كۆز ھەم بىچارە بۇ ئىتلارنى كۆرۈپ بىزنىڭ قارىۋايدىن پەخىرلىنىپ كەتتىم. قارىۋاي مېنىڭ ھەمراھىم، مېنىڭ قوزام، يۈرەك پارەم، ئۇ بەئەينى ئاپامنىڭ نەزىرىدىكى ماڭا ئوخشاش. مېنىڭ يەيدىغىنىملا بولىدىكەن قارىۋاينىڭمۇ يەيدىغىنى بولاتتى. مەن ئېغىز ئاچساملا ئانام ھەرقانچە ياخشى گۆش بولسىمۇ قارىۋايغا بېرىشكە ئۇنايتتى.
−− شياڭنيۇ، قىزىم، بىردەم ساقلاپ تۇرغىن، مەن يېگۈدەك بىر نەرسە تېپىپ كېلەي، −− ئانام شۇنداق دېگىنىچە ھەر كۈنى گۆشلۈك قازان نېنىدىن ئۈچنى ئەپكېلەتتى. ئۇ ناھايىتى تېز بېرىپ كەلگەچكىمىكىن، قازان نېنى ئىسسىق پېتى تۇراتتى. ئانام ناندىن بىرنى ماڭا بېرەتتى، يەنە بىرنى سېۋەتكە سېلىپ قوياتتى، ئۇ بوۋامنىڭ نېسىۋىسى ئىدى، ئانام ناننى ئەزەلدىن بوۋامنىڭ قولىغا بەرمەيتتى، ئۇنىڭ نېمە يەيدىغانلىقىنىمۇ سورىمايتتى.
مەن ئانام بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ قازان نېنى يېدىم، ناننى قۇرۇق يېگەن بولساممۇ، يېگەنسېرى تاتلىق تېتىپ كېتىۋاتاتتى. بىز ناننى مۇشۇنداق قۇرۇق يېيىشكە كۆنۈپ قالغانىدۇق. بىز گۆشنى سېتىپ بولۇپ، مانتا يېگىلى باراتتۇق، ئانام ماڭا بىر چىنە ئىسسىق سۇ بېرەتتى، سۇ بېتىدە مايلار پارقىرىشىپ يۈرەتتى.
گۆش ساتىدىغانلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى، گۆش ئاسىدىغان كانارلار توشۇپ كەتتى. مەن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تونۇيتتىم. بۇلار جاڭ كەنتىدىكى جاڭ بوۋا، لى كەنتىدىكى لى تاغىلار... ئىدى، گۆش ساتىدىغانلار ئىچىدە پەقەت ئاناملا ئايال ئىدى. گاھىدا كېلىپ لى تاغىغا پۇل يىغىشىپ بېرىدىغان لى يەڭگە دائىم بېشىمنى سىلىغىنىچە »بۇ قىز نېمىدېگەن بىچارە - ھە؟« دەيتتى. مەن ئۇنىڭ ماڭا نېمىشقا ئىچ ئاغرىتىدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بىچارە ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتىم.
ئادەتتە ئۇلار بوۋامغا سالام قىلسىمۇ، بوۋام بېشىنى لىڭشىتىپ »ھەئە، ھىم« دەپ قويۇپلا باشقا گەپ قىلمايتتى. راست گەپ قىلغاندا بوۋام گەپ قىلىشقا ئېرىنەتتى.
−− چىن تاغا، ئۇنچىۋالا جاھىللىق قىلماڭ، −− دېدى بىر كۈنى ئەتىگىنى لى تاغام بوۋامغا، −− بىر كىچىك پىچاق ئېلىپ چوشقىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىڭ، ھۆكۈمەت ئۇنى ئېلىۋاتىدۇ، چوشقىنىڭ تېرىسى گۆشىدىن قىممەت، ھۆكۈمەت چوشقا تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەپ كادىرلارغا، شەھەرلىكلەرگە ئاياغ تىكىپ ساتىدۇ، جاھىللىق قىلسىڭىز ئاۋارىچىلىك ھەم تۈزۈك پۇل تاپالمايسىز، شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنچىۋىلا جاپا تارتىپ نېمە قىلىسىز؟
بوۋام ئۈندىمىدى.
پۈتۈن گۆش بازىرىدا پەقەت بىزلا تاسمىلىق چوشقا گۆشى ساتاتتۇق، ئۇ بەك يېيىشلىك ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ گۆشىمىز ھەممىدىن بۇرۇن سېتىلىپ تۈگەيتتى.
|


