• قاسساپنىڭ قىزى(ھېكايە)(8)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، تېرەڭلەرنى تەتۈر سويۇپ، چاچلىرىڭلارنى يۇلۇۋالىمەن، دەپ ۋارقىرىدىم. قارىۋاي كىچىك ئا
    −− سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، تېرەڭلەرنى تەتۈر سويۇپ، چاچلىرىڭلارنى يۇلۇۋالىمەن، −− دەپ ۋارقىرىدىم.
    قارىۋاي كىچىك ئالۋاستىلارغا ئېتىلدى. بىردەمدىن كېيىن بىر نەچچە خوتۇن بايا قارىۋاي چىشلىۋالغان بالىلارنى ئەگەشتۈرگىنىچە پايپاسلاپ كېلىشتى.
    −− قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ؟ ناۋادا بالىمىز غالجىر كېسىلى بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ −− دەپ چالۋاقاشتى.
    قارىۋاي غىپپىدە ھويلىغا كىرىۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش شورىدىن ئۆمىلىدىم، بېشىم ھويلا تەرەپتە، قۇيرۇقسىمان پۇتۇم سىرتتا قالدى. مەن يىرىك بىر قولنىڭ پۇتۇمنى تۇتۇۋالغانلىقىنى سەزدىم. كىشىلەرنىڭ سىرتتا »ھە، قېنى كۆرۈڭلار، كۆرۈڭلار، مۇنۇ غەلىتە بېلىقنى كۆرۈڭلار« دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىدىم.
    شۇ كېچىسى ئانام مېنى قۇچاقلاپ ياتتى، مەن بىردەم ئوتتەك قىزىپ، بىردەم مۇزدەك توڭلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم، ئۆزۈمنى ئاسماندەك بىپايان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقاندەك، يۇلتۇزلار ماڭا ئوخشاش پۇتلىرى يوق ھالدا يېنىمدىلا جىمىرلاۋاتقاندەك، ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. يۈزۈمگە ھۆل بىر نەرسىنىڭ تامچىلاۋاتقانلىقىنى، ئانامنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى سەزدىم، ئۇنىڭ يېشى چوشقىنىڭ قېنىغا ئوخشايتتى.
    كېيىن مۇنداق بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئۆيدىكى چىراغلار يورۇپ كەتكەنمىش، چاچلىرى پاخپايغان ئانام يەردە تۈگۈلۈپ ياتقان بوۋامنى قانغا بويالغان بىر كالتەك بىلەن ئۇرۇۋاتقاندەك، بوۋام قوللىرى بىلەن يۈزىنىلا توسۇۋېلىپ مىدىر - سىدىرمۇ قىلماي، گەپمۇ قىلمايۋاتقۇدەك. ئانام ئۇنى خۇددى چوشقىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇۋاتقۇدەك، بوۋامنىڭ ھەسەلگە ئوخشاش قويۇق قارامتۇل قانلار ئارىسىدا تاقىر بېشى كۆرۈنۈپ تۇرغىدەك.
    بوۋام غايىب بولدى.
    ئانام ئاخىر بىر چوشقىنى ئۆلتۈرۈپ بولدى.
    −− ئۇ مېنىڭ داداممۇ؟ −− دەپ سورىدىم ئانامدىن.
    ئانام ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇزۇن پىچىقىنى چوشقىنىڭ قورسىقىغا توغرىلاپ، پىچاقنىڭ دەستىسىگە زەربە بىلەن بىر مۇشت سالدى، ئاندىن سالماقلىق بىلەن:
    −− ياق، ئەمەس، −− دېدى.
    −− ئەمىسە دادام كىم ؟ −− دېدىممەن.
    ئانامنىڭ چېھرىدە قۇياشتىنمۇ نۇرلۇق تەبەسسۇم پەيدا بولدى، ئۇ مېنى باغرىغا بېسىپ، مەڭزىمگە سۆيگىنىچە:
    −− داداڭ تولىمۇ كېلىشكەن بىر ئەزىمەت ئىدى، ئۇ قوي كۆزلۈك، بۇرۇتلۇق، قىلىچ ئاسقان، يوغان پۇتلىرى بىلەن ئۈزەڭگىنى مەھكەم دەسسەپ تۇرغىنىچە تورۇق ئات مىنىۋالغان ھەقىقىي ئەزىمەت ئىدى... −− دېدى.



    ھالقىلىق سۆزلەر : مويەن، ھايات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار