−− خاتىرجەم بول ئانا، ماڭا قارىۋاي ھەمراھ بولىدۇ ئەمەسمۇ، −− دەپ قويدۇم. بوۋام ئاستاغىنە كېلىپ پاكىز يۇيۇلغان ۋە مەن ئامراق بىر قىزىل كۈزلۈك تۇرۇپنى ئېڭىكىمنىڭ يېنىغىلا قويۇپ قويدى. بوۋامغا مىننەتدارلىق ئىلكىدە قارىدىم.
مەن ئىتنىڭ ئىشىك تۈۋىدە قاۋىغانلىقىنى، ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھارۋىنىڭ غىچىرلىغىنىچە بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، يۇلتۇزلار بىلەن تولغان ئاسماننى ۋە ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى خىيال قىلغىنىمچە ئۇخلاپ قالدىم.
قارىۋاينىڭ قاۋىشى بىلەن تەڭ ئويغىنىپ كەتتىم، قۇياش يۈزلىرىمگە نۇر سېپىپ تۇراتتى. قارىۋاي كاڭنىڭ ئالدىدا ماڭا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى.
−− ھە قارىۋاي، ئىككىمىز بىردەم ئوينىمايلىمۇ؟
قارىۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ، قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتتى. ئاپام ماڭا ئېلىپ قويغان غىزانى يېدىم، قارىۋاينىڭ نېسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئەلۋەتتە. بوۋام بەرگەن كۈزلۈك تۇرۇپنىڭ يېرىمىنى ئۆزۈم يەپ، يېرىمىنى قارىۋايغا بەرگەنتىم، ئۇ چىشلەپ بېقىپ »قىرتاقكەن، بەتتەمكەن« دېگەندەك قىلىپ ماڭا قاراپ قويدى.
لىمنىڭ بېشىغا ئېسىپ قويغان مايلىق تۆمۈر قارماقلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى. رو چىۋىنلەر غىڭىلداشقىنىچە ئۆيدە ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ھويلىدىن قارىۋاينىڭ قاۋاشلىرى، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى كېلەتتى. شۇنچە يېقىملىق، مۇڭلۇق سايرايدىغان قانداق قۇشتۇ بۇ؟ بۇ قۇشلارنىڭ تۈك - پەيلىرى زادى قانداق بولغىيتتى؟ تىركىشىپ يۈرۈپ كاڭدىن چۈشتۈم ۋە مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان قولۇم بىلەن ئۆمىلەپ ھويلىغا چىقتىم. قارىۋاي مېنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئەتراپىمدا چۆرگىلىگىنىچە قاۋاپ كەتتى. ئۇ بەزىدە يېنىمدىن ئويناقلاپ ئۆتكىنىدە مامۇقتەك تۈكلىرى مۈرىلىرىمگە، ساغرامغا سۈركىلىپ تېگەتتى، بۇ چاغدا تولىمۇ راھەت ھېس قىلاتتىم.
−− شياڭنيۇ، شياڭنيۇ، −− دەپ چىرقىرىدى قاراۋاي.
−− قارىۋاي، قارىۋاي، −− دەپ چاقىردىم مەن.
ھويلىدىكى تونا دەرىخىدە تېرىسى سېرىق، پەيلىرى يېشىل، قىزىل تاجلىق بىر قۇش يېقىملىق سايراۋاتاتتى. پۈتۈن بەدىنىمگە تەكشى، تولۇق چۈشكەن قۇياش نۇرى تولىمۇ يېقىملىق ئىدى. ھويلىدىن تونا دەرىخىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. ھويلىدا ئالتۇن رەڭلىك ھەرىلەر قۇياش نۇرىدا گويا ئالتۇن يۇلتۇزدەك ئۇچۇپ يۈرۈشەتتى. ئۇشتۇمتۇت دەرەخكە قارىتىپ ئېتىلغان بىر تاش ھېلىقى قۇشقا تەگكىلى تاس قالدى، چىرايلىق قۇش پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. كوچىدىن بىر نەچچە بالىنىڭ كۈلۈشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەن تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئويناپ باقمىغانىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تايىنى يوق بىر نېمىلەر دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە.
|


