• قاسساپنىڭ قىزى(ھېكايە)(7)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    قارىۋاي، مېنىڭ كوچىغا چىققۇم كېلىۋاتىدۇ. شياڭنيۇ، ئەمىسە ماڭا ئەگىشىپ ماڭ. قارىۋاي كۈلگىنىچە شورىدىن چىقىپ، س
    −− قارىۋاي، مېنىڭ كوچىغا چىققۇم كېلىۋاتىدۇ.
    −− شياڭنيۇ، ئەمىسە ماڭا ئەگىشىپ ماڭ.
    قارىۋاي كۈلگىنىچە شورىدىن چىقىپ، سىرتتا مېنى چاقىرغىلى تۇردى.
    −− شياڭنيۇ، چىقە، تېز چىقمامسەن.
    مەن قارىۋايغا ئوخشاش تۈگۈلۈپ، شورىدىن ناھايىتى تەستە سىرتقا چىقتىم. كوچا ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. قاشالارغا يېسسىمۇقلار يامىشىپ كەتكەن بولۇپ، پۇرچاقنىڭ ئۈستىگە يىڭناغۇچلار قونۇۋالغانىدى. كوچىدا بىر قۇدۇق بولۇپ، قۇدۇق جاھازىسىنىڭ ئۈستىدە بىر تۇلۇق بار ئىدى، بىرەيلەن قۇدۇقتىن سۇ ئالدى. بىر توپ بالا يول بويىدا توپىلارنى دۆۋىلەپ، لايلارنى ئېتىشىپ، يىڭناغۇچ تۇتۇپ ئويناۋاتاتتى.
    بالىلار مېنى كۆرۈپ ئەتراپىمغا ئولىشىۋېدى. مەن ئۇلارغا دوستلۇق نەزىرىم بىلەن كۈلۈمسىرىدىم. قاراۋاي ئۇلارغا قاراپ قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتتى. بىر ئوغۇل بالا ئۈنلۈك ئاۋازدا:
    −− قاراڭلار، ئۇنىڭ پۇتى يوقكەن، −− دەپ ۋارقىرىدى.
    بالىلار ھەيرانلىق نەزەردە بېلىق قۇيرۇقسىمان پۇتلىرىمغا قاراشتى. مەن تۇغۇلغاندىلا مۇشۇنداق تۇغۇلغانىكەنمەن، ئانامدىن دائىم پۇتۇمنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى، نېمىشقا باشقىلارنىڭ پۇتىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئانام قار - يامغۇر يىغلاپ كېتەتتى، مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم ئانامنىڭ يىغىسى ئىدى.
    بۇرنىدا سېرىق پوتلىسى ساڭگىلاپ قالغان بىر ئوغۇل بالا قاپقارا بارماقلىرى بىلەن قۇيرۇقسىمان پۇتۇمنى تۇتۇۋېدى، مەن شۇ ھامان يىغىۋالدىم. ئۇ مەندىن:
    −− سەن ئالۋاستىدىن تۇغۇلغانمۇ؟ −− دەپ سورىدى.
    −− ياق، ئادەمدىن تۇغۇلغان، ئىسمىم شياڭنيۇ، −− دېدىممەن.
    −− ياق، سېنى ئالۋاستى تۇغۇپتىكەن، −− ئوغۇل بالا شۇنداق دەپلا قېچىپ كەتتى. قالغان بالىلارمۇ:
    −− ئالۋاستى، ئالۋاستى، پۇتى يوق ئالۋاستى، −− دەپ توۋلاشقىنىچە قېچىپ كېتىشتى. مەن يىغلىۋەتتىم، قارىۋايمۇ يىغلىۋەتتى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ قىپقىزىل يىرىك تىلىنى چىقىرىپ، مەڭزىمنى يالاپ، ياشلىرىمنى سۈرتتى.
    بۇ چاغدا بېشىمغا بىر تاش كېلىپ تەگدى، ئۇ تاشنىڭ قاياقتىن كېلىپ تەگكىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە يەنە نۇرغۇن تاش، خىش - كاھىش پارچىلىرى تەگكىلى تۇردى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈستۈمگە، بەزىلىرى قارىۋايغا كېلىپ تەگدى. بىر ئۇچلۇق خىش پارچىسى ئۇچۇپ كېلىپ پېشانەمگە كېلىپ تېگىۋېدى، پېشانەم قاناپ كەتتى. مەن ھېلىقى ئوغۇل بالىلارنىڭ قاشانىڭ كەينىدە تۇرۇپ كۈلۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇلارغا غەزەپ بىلەن:



    ھالقىلىق سۆزلەر : مويەن، ھايات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار