بوۋام ھارۋىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتماقتا، ئانام بولسا ھارۋىنىڭ مەن ياتقان يان تەرىپىدە كېتىۋاتماقتا، ھارۋا سوغۇقتىن توڭلاپ قېتىپ كەتكەن كاتاڭ يولدا غىچىرلىغىنىچە كېتىۋاتماقتا. ناگاندا ئىتلارنىڭ بىزگە قاراپ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ناگاندا بىر قارا موزاي يېنىمىزدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەتتى، مەن موزاينىڭ چىتلاقتىن ئۆتۈۋاتقاندا چىقارغان شاراخ - شۇرۇق قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. كۆزۈمنى يۇمۇۋالغان بولساممۇ، مويلىرى تاۋاردەك سىلىق، پارقىراق ۋە مايلىشاڭغۇ موزاينىڭ چىتلاقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتىم. چىتلاقنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ ماڭا تىكىلگىنىچە قاراۋاتقان موزاينىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان قانداقتۇر بىر گېپى باردەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلىشتىن خىجىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم، ئۇ ماڭا ئەتەي گەپ قىلمايۋاتاتتى، ئەمما ئۇ ھامان بىر كۈنى گەپ قىلىدۇ −− ئۇ سۆسۈن رەڭلىك گۈل بەرگىدەك ئوماق ئاغزى بىلەن چىتلاققا چىرمىشىپ كەتكەن كۈزدىكى ھەشقىپىچەكنى چىشلىگىنىچە كۈچەپ تارتتى. ھەشقپىچەكنىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەنىدى، ئۇ ھەشقپىچەكنىڭ غازىڭىنى يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قورسىقى ئاچمىغانىدى، ئۇ پەقەت چىتلاقتىن شاراخ - شۇرۇخ قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، ئۇنى ماڭا ئاڭلىتىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغانىدى.
بىز كەنتتىن تېزلا چىقىپ كەتتۇق. بەللىرى ئېگىلگەن، دېمى سىقىلغان بوۋام ھارۋىنى ئۆرىدەش يولدا ناھايىتى تەستە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى، ئانام گاھىدا ھارۋىنىڭ توغرا بالدىقىدىن كۈچەپ تارتىپ بوۋامغا ھەمدەم بولاتتى، گاھىدا زادىلا كارى بولمايتتى، شۇڭا بوۋام ھارۋىنى ھاسىراپ - ھۆمىدىگىنىچە كۈچەپ سۆرەيتتى. بىز يەنە بىر ئۆرىدەش يولىدىن ئۆتكەندە مەن دەريانى كۆردۈم. قىشنىڭ سەھىرى ھەمىشە ئاشۇنداق قاراڭغۇ بولاتتى، دەريادىكى مۇز ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتا غۇۋا پارقىراپ تۇراتتى. بوۋام بىر دۆڭدىن كەينىگە غادايغىنىچە پۇتى بىلەن يەرنى تىرىگەن پېتى ئاستا چۈشتى. مەن ئۇنىڭ دۆڭدىن چۈشۈۋاتقاندا تىرەجىگەن پۇتلىرىدىن قانداقتۇر بىر خىل ئاۋاز چىقىۋاتقانلىقىنى ئىشىتتىم، ئۇنىڭ ئاياغ ئىچىدىكى پۇتلىرىنىڭ قانچىلىك ئاغرىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتىم.
دۆڭنىڭ ئاستىلا كۆۋرۈك ئىدى. بىز ناھىيە بازىرىدىن گۆشنى سېتىپ بولۇپ قايتقاندىمۇ بۇ كۆۋرۈك دەريا ئۈستىدە بەللىرىنى ئېگىپ، باشلىرىنى سىڭايان قىلىپ، ئىرغاڭلىغىنىچە بىزنى مازاق قىلغان قىياپەتتە سوزۇلۇپ ياتاتتى. مەن ھەمىشە كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا ئۇنىڭ بىرلا سىلكىنىپ بىزنى دەرياغا غەرق قىلىۋېتىشىدىن قورقاتتىم. لېكىن تا ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋال بولۇپ باقمىدى، ئەمما مەن مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ ھامان بىر كۈنى يۈز بېرىپ قېلىشىنى كۆڭلۈم تۇيۇۋاتقاندەكلا يۈرەتتىم.
ئاپامنىڭ دېيىشىچە، ناھىيە بازىرى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى 03 چاقىرىم كېلىدىكەن، شۇڭا بىز سەھەر تۇرۇپ ئەتىگەنلىك بازارغا ئۈلگۈرۈشىمىز كېرەك. بىز كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ يەنە بىر دۆڭگە كەلدۇق، ئاندىن چوڭ يولغا چىقتۇق. ئاپامنىڭ دېيىشىچە بۇ يول ئىلگىرى ئەگرى - بۈگرى، ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىنى ياۋا ئوتلار بېسىپ كېتىدىكەن، كېچىسى بۇ يەردىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدىكەن. ئاپام كىچىك چېغىدا يول بويلىرىدا نۇرغۇن قەبرە، يەنە بىر قارىياغاچ ئورمانلىقى بار ئىكەن. كېچىسى كىچىك پانۇسقا ئوخشاش يانىدىغان نۇرغۇن يېشىل، قىزىل، سېرىق ئېزىتقۇ ئوتلار قەبرىستانلىقتا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچۇپ ئادەمنى تولىمۇ قورقۇتىدىكەن. لېكىن بۇ ئوتلار ئادەمگە قىزىق تۇيۇلىدىكەن، يەنە قارىياغاچلىقتا ناھايىتى جىق ھۇۋقۇشلار بار ئىكەن.
|


