• قاسساپنىڭ قىزى(ھېكايە)(5)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئۇ كۈنى نېمە بايرامكىنتاڭ، گۆش بەك جىق سېتىلدى. قارىمۇتۇق كەلگەن ۋاڭ تۈن ئىسىملىك دارازا كانارنىڭ ئاستىغا بىر
    ئۇ كۈنى نېمە بايرامكىنتاڭ، گۆش بەك جىق سېتىلدى. قارىمۇتۇق كەلگەن ۋاڭ تۈن ئىسىملىك دارازا كانارنىڭ ئاستىغا بىر كارىۋات قۇرۇپ، چوشقىنى ئۇتتۇرلۇق ئۆلتۈرۈپ ساتقىلى تۇردى.
    بىزنىڭ گۆش ئاللىبۇرۇن تۈگىگەنىدى. لېكىن ئادىتىمىز بويىچە مانتا يېگىلى بارماي، دارازىنىڭ چوشقا ئۆلتۈرگىنىنى تاماشا قىلىپ تۇردۇق. دارازىنىڭ ئوغلى بىرى قارا، بىرى ئاق ئىككى چوشقىنى يېتىلەپ ئېلىپ كېلىپ باستى ۋە پۇتلىرىنى چۈشىدى. چوشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن كۆپۈك قايناپ، ئېچىنىشلىق چىرقىرايتتى، ئاق چوشقىنىڭ كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
    دارازا بىلەن ئوغلى چوشقىلارنى كارىۋاتقا ئالدى، چوشقىلار قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىرايتتى.
    دارازا چوشقىلارنىڭ قۇلاق تۈۋىگە پۇتاقلىق كالتەك بىلەن ئۇرۇۋېدى، چوشقىلار جىمىقتى، پۇتلىرىنى تىك قىلغىنىچە تىترەپ كەتتى. دارازا پىچاقنى چوشقىنىڭ گېلىغا بىرلا سۈرۈۋېدى، فونتاندەك بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىققان قان پىچاقنى بويلاپ ئاقتى. دارازا ئوغلىغا:
    −− تېز بول، داسنى ئېلىپ كېلىپ، قاننى ئېلىۋال، −− دېدى.
    دارازىنىڭ ئوغلى داسنى چوشقىنىڭ بېشىنىڭ ئاستىغا قويدى. دارازا چوشقىنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ، بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرىگە قوللىرىنى تىقىپ، چوشقىنڭ بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتى چوشقىنىڭ قېنىنى چاققان ئېلىۋېلىش ئىدى. بىردەمدىن كېيىن چوشقا لاسسىدە بولۇپ، قېنى توختىدى. پىچاقتىكى قان كۆپۈكچىلىرىنى ئېرتىپ، پىچاقنى بىلىگەن دارازا ئاۋۋال چوشقىنىڭ بېشىنى، ئاندىن پۇتلىرىنى كېسىۋالدى.
    چوشقا ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن قىزىق ئىش ئىدى، ئۇنى نۇرغۇن ئادەم ئورىۋېلىپ كۆرىدۇ. ئورۇق لالما ئىتلار قالايمىقانچىلىقتا كىشىلەر ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ، يەردىكى قانلارنى يالايدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى ئۇرۇپ - تىللاپ قوغلىۋەتسە، بىر يەرلەرگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ بىردەمدىن كېيىن يەنە كېلىدۇ، كىشىلەر يەنە ئۇرۇپ - تىللاپ قوغلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن بىچارە ئىدى...
    بىراق بوۋام بىلەن ئانامنىڭ چوشقا سويۇش ئۇسۇلى قارىۋاي دارازىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بوۋام بۇ ئەتراپتا داڭقى بار قاسساپ بولۇپ، چوشقىنى ناھايىتى تۈجۈپىلەپ، پاكىز سوياتتى.
    بىر كۈنى ئاغرىپ قالدىم، بېشىم ئاغرىپ، تېنىم قىزىپ كەتتى، ئانام تەرلىتىش دورىسىدىن ئىككى تال ئېلىپ كېلىپ، ئىچۈرگەندىن كېيىن يوتقانغا يۆگەپ قويدى، مەن راستتىنلا چىلىق - چىلىق تەرلەپ كەتتىم. يوتقاننى ئېچىۋېتەي دېسەم ئانام:
    −− شياڭنيۇ، ئوبدان قىزىم، يوتقاننى ئېچىۋەتمىگىن، مەن گۆش ساتقىلى بارىمەن، تامىقىڭنى يېنىڭدا قويۇپ قويدۇم. ئۆيدە يېتىپ ئوبدان ئ−ارام ئېلىپ تۇر، گ−ۆشنى سېتىپ بولۇپلا قايتىپ كېلىمەن، −− دەپ قويۇپ گۆش ساتقىلى كەتتى. مەن ئۆيدە تۇنجى قېتىم يالغۇز قالغاچقا سەل قورقتۇم، ئەمما:



    ھالقىلىق سۆزلەر : مويەن، ھايات


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار