نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

مېر ئەخمەتجان ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىدە توپ تىپىشى مومكىن

يوللانغان ۋاقتى: 18:36 24-09-2011 مەنبە: qq.com ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تېڭشۈن تورى 21-سېنتەبىر خەۋىرى: پانئامرىكا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى ۋە ئارگېنتىنا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى يېقىندا جۇڭگوغا فاكىس ئە

تېڭشۈن تورى 21-سېنتەبىر خەۋىرى: پانئامرىكا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى ۋە ئارگېنتىنا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى يېقىندا جۇڭگوغا فاكىس ئەۋەتىپ،جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ھەمدە جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ماھىرلارنىڭ ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە كېلىپ،توپ ئويناشقا تەكلىپ بەرگەن.يېقىندا ئارگېنتىنا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇڭگوغا كېلىپ،پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇشۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ،جۇڭگولۇق توپچىلارنىڭ چەتئەل بىرلەشمىسىدە توپ تېپىشىنى قوللايدۇ،بۇ جەھەتتە كۆپرەك ياۋروپاغا مايىل ئىدى.يېقىندا 23 نەپەر ئۆسمۈر پۇتبولچى ئارگېنتىنانىڭ 7 كۇلۇبىغا تەربىيىلىنىشكە بارغاندىن كىيىن،ئارگېنتىنا تەرەپ،مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچىلارنىڭمۇ ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.يېقىندا پانئامرىكا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى ۋە ئارگېنتىنا تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى،جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە رەسمىي ئالاقە ئەۋەتىپ،بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ئىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەن،ھەمدە:« ئارگېنتىنا جەنۇبى ئامېرىكىدىكى پۇتبول ھەرىكىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت،ئەگەر جۇڭگولۇق توپچىلار ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىيالىسا،بۇ پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ پۇتبول جەھەتتىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي،جۇڭگولۇق مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭمۇ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق،جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى » بىلدۈرگەن.
جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار،ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.بۇ ھەقتە جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى نوپۇزلۇق بىر ئەرباب تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدە بوكا ياشلار كوماندىسى،دەريا قىنى كوماندىسى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق كۇلۇبلار بار،ئارگېنتىنا بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ جۇڭگو پۇتبولىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ياردىمى ئىنتايىن چوڭ،كونكرېت پىلان،ئۇلار جۇڭگوغا كەلگەندە بېكىتىلىدۇ» دېگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىنىشىچە،ئالاقىدار كارخانا ۋە ۋاسىتىچىلەر ئارگېنتىنا تەرەپنى جاڭ ۋېنلى،جىڭ لۇڭ،مىر ئەخمەتجان قاتارلىق توپچىلارنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن.كونكرېت زادى كىم بېكىتىلىدۇ،قايسى كۇلۇبقا بارىدۇ،بۇ ئىشلار پات يېقىندا بېكىتىلىدىكەن.جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى:«ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدىن ھېچقانداق توپچى ئارگېنتىنا ۋە برازىلىيە كۇلۇبلىرىدا توپ تېپىپ باقمىغان،بۇ قېتىم ئارگېنتىنا بىزگە زەيتۇن شىخى سۇندى،بۇ جۇڭگو توپچىلىرىغا بېرىلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك پۇرسەت،بىز چوقۇم بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەيمىز» دېگەن.
تەرجىماندىن قوشۇمچە: مىر ئەخمەتجاننىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا،ئاجاكىس كۇلۇبىغىمۇ ئەۋەتمىگەن،بۇ قېتىم قانداق بولاكىن،بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىمىز.

ياخشىكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر