6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ئوغلانى مەمەتچان تۇرسۇن ئۆز ئاتىسى بىلەن بىللە ياسىغان ياغاچ ماشىنىنى قەشقەر خەلقارالىق بازار ئالدىدا ھەيدەپ خەلىققە كۆرسەتمەكتە. قەشقەرلىك دېھقان ئابابەكرى ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرى بىلەن ئوغلى مەمەتچاننىڭ كۈچ چىقىرىشىدا ئۆز يېنىدىن15مىڭ چىقىرىپ بىر يىل ئىچىدە بۇ ماشىنىنى ياساپ چىققان. ماشىنا توك ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن، قەشقەردىكى قەشقەر خەلقارالىق ساياھەت مەزگىلى پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئاتا-بالا مەزكۇر ماشىنىسىنى خەلىققە كۆرسەتكەن ھەمدە باشلىنىش باھاسىنى 150 مىڭدىن بېكىتىپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى پىلانلىغان. مەنبە : مىسرانىم توربېكىتى |