نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

كۈيتۈندە ئۈچ ئەر پولات تۇرۇبا كۆتۈرۈپ ئۇرۇشۇپ كەتتى

يوللانغان ۋاقتى: 04:23 11-08-2011 مەنبە: ياشىن تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ -كۈنى، شىنجاڭ كۈيتۈن شەھىرى دوستلۇق جەنۇبىي كوچىسىدىكى بىر ئاشخانا ئالدىدا، ئۈچ ئەر قوللىرىغا پ

ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ -كۈنى، شىنجاڭ كۈيتۈن شەھىرى دوستلۇق جەنۇبىي كوچىسىدىكى بىر ئاشخانا ئالدىدا، ئۈچ ئەر قوللىرىغا پولات تورۇبا كۆتۈرۈۋېلىپ، قالايمىقانچىلىق تېرىپ، ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئۇرۇپ پۈتۈن بەدەنلىرى قانغا بويىلىپ كەتكەن، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن 110 غا دېلو مەلۇم قىلغان.
كۈيتۈن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېيجىڭ يولى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار دېلو تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ، بىر ئەرنىڭ ھەممە يېرىن قانغا بويالغان ھالدا دەرمانسىزلىنىپ ئولتۇرۇغانلىقىنى كۆرگەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، قالغان ئىككى ئەر بۇ ئەر ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا، قوللىرىدىكى پولات تورۇبىلارنى تاشلىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن.
نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ قالغان بۇ ئەرنىڭ ئىسىمى ليۇ ۋېنجۇ بولۇپ، يۈك ماشىنىسى شوپۇرى ئىكەن. شۇ كۈنى، ئۇ ماشىنىسىدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇغان بولۇپ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن ماشىنىسىنى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ، بىر قۇتا سوغاق سۇ ئېلىپ دۇكاندىن چىققاندا، ئوڭ پۇتىنىڭ ئاياغ بۇغقۇچىنىڭ يىشىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، سۇنى ياندا تۇرغان بىر ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئايىغىنىڭ بۇغقۇچىنى چەگكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئىككى ئەر كېلىپ، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ سۈيىنى ماشىنا ئۈستىگە قويماي ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ليۇ ۋېنجۇ  سۈيىنى ئېلىپ مېڭىپ تۇرۇشىغا ھېلىقى ئىككى ئەر« مېنىڭ ماشىنامنى بۇزۇۋەتسەڭ، تۆلىيەلەمتىڭ»دەپ ۋارقىرىغان. ليۇ ۋېنجۇ ئاچچىقىدا ئۇ ئىككى ئەر بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكەن، ئۇ ئىككى ئەر ليۇ ۋېنجۇنى تازا ئۇرغان. قاتتىق تاياققا چىدىمىغان ليۇ ۋېنجۇ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىر دانە پولات تۇرۇبىنى ئېلىپ، ئىككى ئەرنى راسا ئۇرۇپ ئىككى ئەرنىڭ بېشىنى يېرىۋەتكەن، باشلىرى يېرىلىپ كەتكەن ئىككى ئەرمۇ پولات تۇرۇبىدىن بىردىن ئېلىپ ليۇ ۋېنجۇنى ئۇرۇشقا باشلىغان.
مۇخپىرنىڭ دوختۇرخانىدىن ئىگەللىشىچە، ليۇ ۋېنجۇنىڭ باش قىسمىدا نۇرغۇن يارا ئىزلىرى بار ئىكەن، لېكىن ھاياتى خەۋپلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى، قېچىپ كەتكەن ئىككى ئەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن بېيجىڭ يولى ساقچىخانىسىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قۇبۇل قىلغان.
نۆۋەتتە ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر