ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2 توپ چولپىنى ئىككى ھەپتە ئىچىد
يوللانغان ۋاقتى: 22:30 08-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2 توپ چولپىنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە قازا قىلدى

ئىككى ھەپتىدىن بىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدە ئۇدا 3 قېتىم توپ چولپانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى دىياب ئاۋانا بىلەن سەئىد قازا قىلدى، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئامىر يارىلاندى، كۆپچىلىك قاتتىق چۆچۈپ، دېققىتىنى يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەشكە قاراتتى.
6-ئۆكتەبىر 18 ياشلىق ئولىمپىك دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى ئامىر مەشىق بازىسىدىكى مەشىق ئاياقلاشقاندىن كېيىن ماشىنا بىلەن ئۆيىگە قايتقان، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ، مۈرە قىسمى يارىلانغان بولۇپ، ھازىرغىچىلىك ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيىدە ياتقان، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تېلگراف لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىدى. ئامىر كولۇبتىكى بىرىنچى كوماندىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلىرىن بولۇپ، 2009-يىلى 17 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
ئوخشاش بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا، دۆلەت كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئاۋانا 25-سىنتەبىر دۆلەت كوماندىسىدىكى مەشىقتىن ئۆيگە قايتىش يولىدا بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ، بۇ 21 ياشلىق ھۇجۇم سېپىدىكى يېڭى چولپان نەق مەيداندا قازا قىلغان. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ماشىنا قوغلىشىپ ھەيدەش قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۈمىد چولپانلىرىدىن بىر بولۇپ، 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن، يەنە ئولىمپىك كوماندىسىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى سەپىرىگىمۇ ئاتلانغان ئىكەن.
24-سىنتەبىر دىھافا كولۇبىنىڭ 19 ياشلىق توپچىسى سەئىد قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋانا نەق سەئىدنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ھال سوراپ قايتىش يولىدا قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققان. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت ئىكەن، 2009-يىلى، ۋە 2010-يىلى ئايرىم ئايرىم 966 كىشى ۋە 826 كىشى قاتناش ۋەقەسىدەئۆلگەن.
|
------分隔线----------------------------