
مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر . ئۇيغۇر ، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىن ، 1991 - يىلى تۇغۇلغان . شەندوڭ لۇنېڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى
جۇڭگو تور تېلىۋىزىيىسى 2011-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 17:12 دە بەرگەن خەۋىرى
ئاسىيا چىپميۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ شەندوڭ لۇنېڭ كوماندىسى بىلەن ھېندونىزىيە ئالېيما كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ، لۇنېڭ كوماندىسىنىڭ شىنجاڭلىق زاپاس ئەزاسى مىرئەخمەتجان ھالقىلىق پەيتتە مەيدانغا چۈشۈپ بىر توپ كىرگۈزدى ھەم شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم دېققەت نوقتىسىغا ئايلاندۇردى .
مىرئەخمەتجان مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا لۈجېڭنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان . ئۇ مەيدانغا چۈشۈپ 6 مىنۇت بولغاندا بىر توپ كىرگۈزدى . ئەينى چاغدا ۋاڭ توڭ توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونغا كەلگەندىن كىيىن ۋاڭ مەيپوغا بەردى . ئۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىگە ئاساسەن ، توپنى ئوتتۇرىدىكى ئادەمسىز رايوندا پاس كۈتۈۋاتقان 14 - نومۇرلۇق ماھىر مىرئەخمەتجانغا بەردى . ئەمما بۇ توپ مىرئەخمەتجانغا پايدىسىز بولغان سول پۇتقا توغرا كېلىپ قالغان بولۇپ ، بۇ جىددىي ۋاقىتتا مىرئەخمەتجان توپنى ۋارتاغا ئۇرۇشقا ياكى ئوڭ پۇتقا ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز ئېدى . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ بېكى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ قىستاپ كەلدى ، مىرئەخمەتجان تەپكەن توپ قارشى تەرەپ بېكىنىڭ پۇتىغا تېگىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، مىرئەخمەتجان ئوڭ پۇتى بىلەن تېپىپ بۇ توپنى ۋارتانىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىن كىرگۈزىۋەتتى .
بۇ مىرەخمەتجاننىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپى ، شۇنداقلا لۇنېڭ كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى توپى ئېدى . ئۇ مۇنداق دىدى : بۇ توپ ئارقىلىق لۇنېڭ كوماندىسىنىڭ مېنى تەربىيلەپ ، يېتەكلىگەنلىكىگە جاۋاپ قايتۇرىمەن .
مۇسابىقىدىن كىيىن ، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى : ئامەت كەلگەندە ، ئۇنى توسىمەن - دەپمۇ توسۇۋالغىلى بولمايدىكەن . مەن ئۆزۈمنى توپنى قانچە تەپكەنسىرى شۇنچە ياخشى ھېس قىلىمەن . مەن مۇشۇ توپ ئارقىلىق لۇنېڭ كوماندىسىغا ، پۇتبول مەكتىۋىگە ۋە لۇنېڭ كوماندىسىنىڭ مېنى تەربىيلىگەنلىكىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججىتىنى
مەنبە: كروران توربېكىتى ---- شەھرىيار تەرجىمىسى
|