ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئەكىرەمىنىڭ مۇسابىقىسىغىمۇ دىققەت قىلايلى

يوللانغان ۋاقتى: 15:30 08-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
2011-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 26-27-كۈنلىرى ئايرىم -ئايىرىم ھالدا 1-ئايلانما مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،بىزنىڭ شىنج



2011-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 26-27-كۈنلىرى ئايرىم -ئايىرىم ھالدا 1-ئايلانما مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،بىزنىڭ شىنجاڭ پوتبول ئەپەندىسى ئەكرەم تۇرۇشلۇق خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسىمۇ بۇ پەسسللىك ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان.1-ئايلانمىدا خۇنەن كوماندىسى ئۆز مەيداندا تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقان بولۇپ، نەتىجىدە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قېلىپ خۇنەن كوماندىسى ئامالسىز 1 نومۇرغا ئېرىشىپ قالغان.
2-ئايلانما مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلىپ بېرلىغان.خۇنەن كوماندىسى ساھىپخان 1:0 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ باشى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە بىزنىڭ ئەزىمتىمىز ئەكرەم مەيدانغا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە چىققان. مۇسابىقە ئېلىپ بېرلىپ 85 مىنۇت بولغاندا كوماندىدىكى جاۋۋېي بىلەن ئالماشتۇرۇلغان. پەقەت 5 مىنۇتچە ئوينىغان.
نۆۋەتتە 2-ئايلانمىدىن كېين ئۇلار بىر تەڭلىشىپ بىر ئۇتتۇرۇپ ئومۇمى رەت نومۇرى جەھەتتە 1 نومۇر بىلەن 14 كوماندىنىڭ ئىچىدە 12-ئورۇندا تۇرماقتا.
ئەكىرەم بولسا ھەممىزگە تونۇشلۇق داڭلىق ئەزىمەت.2006-يىلى ب دەرىجلىك مۇسابىقىنى كۆرگەن بولساڭلار چوقۇم ئۇنى تونۇشىڭلار بولۇشىڭلار مۇمكىن....يەنە 2007-يىلى ئەكرەم شىنجاڭ لاتارىيە كوماندسىنى باشلاپ يەنە شنجاڭ تارىخىدا يېڭى بەت ئاشقان پوتبولچىلارنىڭ بېرى.ھەممە ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى بارى،مىرەخمەت،ئابدۇۋەلى،يەھيا،دىلمۇرات قاتارلىق پوتبولچىلىرىمىزغا دىققەت قىلماقتا.لېكىن بىز ئەينى ۋاقتتا بىزگە چەكسىز خوشاللىق ۋە ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئاتا قىلغان بۇ «چىملىق زومىگىرى» نى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.شۇ ۋەجىدىن مەن ئەكرەمنىڭ مۇسابىقىسىنىمۇ كۆرۈپ قويۇشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسى خۇنەن كوماندسىنىڭ مۇسابىقە كۈن تەرتىۋى
 

مۇسابىقە ۋاقتى: 2011-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى 5:45 تە
مۇسابىقە ئوينايدىغان كوماندا: شاڭخەي شەرقى ئاسىيا VS خۇنەن شىياڭتاۋ
مۇسابىقە مەيدانى: شاڭخەي تەنتەربىيە مەيدانى
مۇسابىقنى نەق مەيداندىن تارقىتىدىغان قانال: شاڭخەي بەش يۇلتۇز تەنتەربىيە قانىلى (五星体育)
مۇسابقىنى ھۇررا تېلۋىزىيسىدىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
( شاڭخەي شەرقى ئاسىيا كوماندىسىنى (上海东亚) بۇرۇنقى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنى كۆرگەن باللار بولسا ئوبدان تونۇيدۇ.ئىلگىرى 2007-يىلى بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بۇ كوماندىسنى مېھمان سۈپىتىدە 2:3 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ شاڭخەيلىكەرنى ھەيران قالدۇرغان. شاڭخەي كوماندسىمۇ شىنجاڭغا كەلگەن ۋە 2 توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن شىنجاڭ كوماندىسنى يېڭۋالغان).


 

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر