زاۋاھىرى بېن لادىننىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۆمكىن
يوللانغان ۋاقتى: 01:32 16-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بازا تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كاتتېبېشى بېن لادىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتتىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس زاۋاھىرىنىڭ بې
«بازا» تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق كاتتېبېشى بېن لادىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتتىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس زاۋاھىرىنىڭ بېن لادىننىڭ ئورنىنى ئېلىشى ھازىرقى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. زاۋاھىرىمۇ ئوخشاشلا باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، بېن لادىنغا ئوخشاشلا، باي ئائىلىنىڭ ئوغلىدىن، بىر قەدەم-بىر قەدەملەپ مېڭىپ تېرورىزىم يولىغا كىرگەن.
زاۋاھىرى 1951-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان. بېن لادىنغا ئوخشاشلا يۇقىرى تەبىقە قاتلىمىدا چوڭ بولغان، دادىسى دورىگەرلىك پروفىسسورى، بوۋىسى مىسىردىكى داڭلىق ئەزھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىدى.
1973-يىلى، مىسىردىكى ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا تىببى ئىلىمنى ئۆگىنىۋاتقان زاۋاھىرى بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان. 1974-يىلى ئۇ ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان.
1981-يىلى، مىسىر ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى مىسىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ئەنۋەر ساداتنى قەستلەپ، 301 ئادەم قولغا چۈشكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زاۋاھىرىمۇ بار ئىدى.
ئۇ سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن، سادات زۇڭتۇڭنى قەستلەش دېلوسىغا ئارىلاشمىغان دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن قانۇنسىز قورال ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن زاۋاھىرى پاكىستانغا كېلىپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان جەڭدە يارىلانغان ئافغانىستانلىق ئەسكەرلەرنى داۋالاشقا قاتناشقان.
بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دەل شۇ مەزگىللەردە، ئۇ بېن لادىن بىلەن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بايساۋادا ئۇچراشقان ھەمدە 30 يىللىق ھەمكارلىقى باشلانغان.
«بازا» تەشكىلاتىدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس بولغان زاۋاھىرى، ئامېرىكا قوشما شىتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تېرورچىلارنى تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى تىزىملىكتە بېن لادىننىڭ كەينىگىلا تىزىلغان.
1993-يىلى، زاۋاھىرى مىسىر ئىسلام غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ كاتتېبېشى بولغان. بۇ تەشكىلات ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى قوزغاپ، 1200 دىن ئارتۇق مىسىرلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
1999-يىلى، مىسىردىكى بىر ھەربىي سوت زاۋاھىرى سوتتا بولمىغان ئەھۋالدا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ 1998-يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ كىنىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ماشىنىسىنى پارتلىتىش دېلوسىغا چېىتىلپ، 250 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. پارتلىتىش يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، زاۋاھىرى تېلفۇن ئارقىلىق پاكىستانلىق بىر مۇخبىرغا تېلفۇن بېرىپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پىلانلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
2001-يىلى 12-ئايدا، ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلاپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، زاۋاھىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوغلاپ تۇتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، بېن لادىن بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان. بىراق زاۋاھىرىنىڭ ئايالى ۋە بىر قانچە بالىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمان قىلىشىدا قازا قىلغان.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار، بېن لادىن ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، زاۋاھىرى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چىگرىلىنىدىغان جايغا يوشۇرۇنغان دەپ قارايدۇ.
زاۋاھىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى خۇددى ئۆزىنىڭ «ئەشەددى دۈشمىنى»دەك كۆرىدۇ، ئۇ كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان. 2008-يىلى 11-ئايدا، ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندا، زاۋاھىرى ئوباما ئاق تەنلىكلەرنىڭ قۇلى دېگەن؛ 2009-يىلى 9-ئايدا، ئۇ ئوباما بىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورجى بوشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق دېگەن.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، زاۋاھىرى بېن لادىننىڭ «پۇت-قولى» بولۇپ، شۇنداقلا پۈتۈن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ «چوڭ مېڭىسى» ھېسابلىنىدۇ.
ئادوۋكات مونتاسار.زايىت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بىر مەزگىل زاۋاھىرىنىڭ سوتتىكى ئاقلىغۇچىسى بولغان. ئۇ باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن:«بېن لادىنغا نىسبەتەن زاۋاھىرى ئۇنىڭ مېڭىسىگە ئوخشايدۇ»
بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلگىرى خەۋەر قىلىپ، زاۋاھىرىنى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»دىكى باش پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى دېگەن.
2005-يىلى، زاۋاھىرى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى تارمىقىنىڭ باشلىقى ئەبۇ مۇساب زاكاۋىيغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىستراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى تارقالغاندىن كېيىن ئىراقنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىنى تەكلىپ قىلغان. زاكاۋىي 2006-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن.
زاۋاھىرىنىڭ نەزىرىدە، «بازا»تەشكىلاتى مەلۇم دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك؛ «ئەگەر بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشمىسا، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز پەقەتلا كىچىك كۆلەمدىكى قۇتراتقۇلۇق بولىدۇ.» ئۇ شۇنداق دېگەن.
1988-يىلى، بېن لادىن ئافغانىستاندا «بازا» تەشكىلاتىنى قۇرغان. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇنىڭ مەقسىتى ئافغانىستان پىدائىيلار قوشۇنىنى مەشىقلەندۈرۈپ ۋە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىپ، سوۋىت ئىتتىپاقى قوشۇنىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى، لېكىن سوۋىت قوشۇنلىرى چېكىنگەندىن كېيىنكى 1991-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى ئامېرىكا ۋە ئىسلام دۇنيادىسىدىكى «چىرىك ھاكىمىيەت»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۆزگەرگەن.
نۆۋەتتە، «بازا» تەشكىلاتى يەمەن، ئىراق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تارماق تەشكىلاتلارنى قۇرغان. ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئېلىپ بارغان، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ھەتتا ياۋروپالارغىچە كېڭىيىپ ئەزا توپلىغان ھەمدە ئۇلارنى ئافغانىستان چىگرىسى ئىچىدىكى ئون نەچچە جايدىكى بازىسىغا ئەۋەتىپ مەشىقلەندۈرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن 2001-يىلىغىچە، «بازا» تەشكىلاتىدا مەشىقلەنگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان. ھازىرغىچە، مەشىقلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ تەپسىلىي سانلىق ئۇچۇرى تېخى نامەلۇم.
ھازىر، «بازا» تەشكىلاتى ئاللىقاچان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە روسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
|
------分隔线----------------------------