نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈزبەردى

يوللانغان ۋاقتى: 22:53 11-03-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدا بىر ئاپتۇبۇس جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 20 ئادەم قازا قىلدى

             شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 11-مارت تېلگىراممىسى: 11-مارت سائەت 10 دىن ئاشقاندا، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى، تەخمىنەن 40 ئادەم ئولتۇرغان بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى يولدا تېيلىپ كېتىپ، جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن. مۇخبىرنىڭ سائەت 15:00 تە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ۋەقەدە 20 ئادەم قازا قىلىپ، 11 ئادەم ئېغىر ، 5 ئادەم يىنىك يارلانغان، باشقا ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ جىددىي ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەتىرەت باشلىقى ئېلى ئىسمايىلنىڭ دېيىشىچە، ئاپتۇبۇس شىنجاڭ قاغىلىقتىن شىزاڭ (219-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولىنىڭ 220 كىلومېتىر بۆلىكى) غا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس شىزاڭدىكى بۆكەن يولۇچى توشۇش شىركىتىگە تەۋە ئىكەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمىسى، قاتناش، جامائەت خەۋىپسىزلىك قاتارلىق تارماقلار ئادەم تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
ھازىر بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم، مەمۇرىي مەھكىمىدىكىلەردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، يارىلانغانلارنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىر خەۋەر بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىر قەدەر قىيىن بولغاچقا، يولۇچىلارنىڭ سانىنى ھازىرچە ئېىنىقلىغىلى بولمىغان.
219-دۆلەت تاشيولى يەنە شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى (شىنجاڭ قەشقەر قاغىلىق - شىزاڭ شىچۈن كۆلى) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1455 كىلومېتىر، دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاشيول، سەپەردە 5000 مېتىر ئىگىزلىكتى بەش تاغدىن ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغىنى 6200 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ، بىر قانچە يول بۆلىكى ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك لىنىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر