ئاپتونوم رايونلۇق مىتىرولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ تىمپىراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق مىترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، بۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم تىمپىراتۇرا ئۆرلىشى مۇمكىن، بىرىنچى قېتىملىقى 10-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى بويلىرى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى رايونلاردا تېمپىراتۇرا 20 دىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە مۇمكىن، بۇنىڭغا ئۇلاپلا مۇشۇ شەنبىنىڭ ئالدى كەينىدە يەنە بىر قېتىم تېمپىراتۇرا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ قېتىمدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى رايونلاردا 25 دىن 30 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىشى مۇمكىن. 9-ئاپرېل ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 19.1 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولدى، 10-ئاپرېل بولسا تېمپىراتۇرا 21 گىرادۇسقا يەتكەن. مىتىرولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى شەرقىي جەنۇب شامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپىدا چىققان شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ رولى بىلەن، مەركىزىي شەھەرنىڭ تېمپىراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ 23 سېلسىيە گىرادۇسقا، ھەپتە ئاخىرى 25 گىرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن. تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن بىللە، بوراننىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ، 10-ئاپرېل سەھەر سائەت 1 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتىرولوگىيە ئىدارىسى بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، 10-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېل سەھەرگىچە خۇڭيەنچى، ئۇلانباي قاتارلىق جايلاردا 9 بال ئەتراپىدىكى شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، بەلكىم 11 بالغىمۇ يېتىشى مۇمكىن، تۆشۈكتام قاتارلىق جايلاردا 8 بالدىن 9بالغىچە، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا 8 بال ئەتراپىدا بوران چىقىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېمپىراتۇرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى سەۋەنلىك كېلىپ چىقىدىغان شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كەلكۈندىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. مەنبە : ياشىن تورى |