دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار ماركىلارئىچىدە گۇگېل بىرىنچى
يوللانغان ۋاقتى: 03:07 11-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق قىممەت سۈرۈشتۈرۈش شىركىتى Brand Finance نىڭ يېقىندىكى باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا گۇگېل 44مىليارد 300مىليون دوللارلىق
ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق قىممەت سۈرۈشتۈرۈش شىركىتى Brand Finance نىڭ يېقىندىكى باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا گۇگېل 44مىليارد 300مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار 10 ماركا ئىچىدە بىرىنچىلىكنى ئىگىلىگەن.Brand Financeشىركىتى تاۋار ماركىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىغا ئاساسەن تاۋار ماركا قىممىتىنى باھالايدىغان بولۇپ ئۇلار بۇ قېتىم باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار 10 ماركا تۆۋەندىكىدەك:
1. گۇگېل
گۇگېل يالغۇز ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىزدەش ماتورىلا بولۇپ قالماستىن يەنە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان Android كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئالمىنىڭ iOS ۋە RIM نىڭ قارا بۆلجۈرگەندىن ئېشىپ كەتكەن.
گۇگېلنىڭ ماركا قىممىتى 44مىليارد 300مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 164مىليارد
2. مىكروسوفت
دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئويۇنچۇق،ئېلېكترون ئىستېمالى ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ تۇتاشقان.
مىكروسوفتنىڭ ماركا قىممىتى 42مىليارد 800مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 204مىليارد مىليون
3. فرىما ( Wal-Mart Stores)
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فىرىمانىڭ 2مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچىسى ۋە 9000غا يېقىن دۇكىنى بار.
فىرىمانىڭ ماركا قىممىتى 32مىليارد 600مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 184مىليارد
4. IBM
IBM نىڭ پاتېنتى سانى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇلار نۇرغۇن يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىپ،قاتتىق دېتالغىلا يۆلىنىۋېلىشتىن قۇتۇلدى.
IBM نىڭ ماركا قىممىتى 32مىليارد 600مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 199مىليارد
5. ۋودافون ( Vodafone)
ۋودافون دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە ئالاقە تورىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ 20نەچچە دۆلەتتە 340مىليون ئابونتى بار
ۋودافوننىڭ ماركا قىممىتى 30مىليارد 700مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى138مىليارد
6. ئامېرىكا بانكىسى گەرچە ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكا بانكىسى يەنىلا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە تورىغا ئىگە،دۆلەت ئىچىدە 6000دىن ئارتۇق تارماق بانكىسى ۋە دۆلەت سىرتىدا 300دىن ئارتۇق ئىش بېجىرىش ئورنى بار.
ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ماركا قىممىتى 30مىليارد 600مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 109مىليارد
7. ھەممىباپ ئېلېكتر (General Electric Company)
دەرىجىدىن تاشقىرى سانائەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بۇ شىركەت داۋالاش ،ساقلىق ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ ئالەم قاتنىشى،ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگىچە بولغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەممىباپ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ ماركا قىممىتى 30مىليارد 500مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 197مىليارد
8. ئالما
گەرچە سىگنال كاشىلىسى كېلىپ چىققان بولسىمۇ لېكىن iPhone 4 نىڭ سېتىلىشى يەنىلا ياخشى بولماقتا.
ئالما شىركىتىنىڭ ماركا قىممىتى 29مىليارد 500مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 307مىليارد
9. ۋىللىس فۇرگو بانكىسى (WELLS FARGO)
ئامېرىكىدىكى 5-چوڭ بانكا بولغان ۋىللىس فۇرگو بانكىسى كۆپ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بانكا بولۇپ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك.
ۋىللىس فۇرگو بانكىسىنىڭ ماركا قىممىتى 28مىليارد 900مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 143 مىليارد
10.ئامېرىكا تېلېفون تېلېگرافى (AT&T )
ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەزكۇر ئورۇن ۋە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ 95 مىليون ئابونتقا ئىگە.
ئامېرىكا تېلېفون تېلېگراف شىركىتىنىڭ ماركا قىممىتى 28مىليارد 900مىليون، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 182 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
|
------分隔线----------------------------