شايار ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى پاتىگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان، كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلتۈرگەن تۇنجى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تونۇرى يېقىندا دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
بۇ تونۇر مۇھىت ئاسراش، ئېنىرگىيە تېجەش، چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەنئەنىۋى نان پىشۇرۇش جەريانىدىكى خىزمەت سىجىللىقى زور بولۇش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، مۇھىتنى بۇلغاش، تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇشتەك ئامىللارغا خاتىمە بەردى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |