ئالما 4S تېلفۇنى سېتىلىش جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى
يوللانغان ۋاقتى: 23:16 15-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئالما 4S تېلفۇنى سېتىلىش جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى
جۇڭگۇ رادىيۇ تورى بېيجىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋىرى:ئالما شىركىتى 10 – ئۆكتەبىر ، يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان iPhone 4S ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ توردا ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى 12 سائەتتە سېتىلىش مىقدارى 200 مىڭ دانىدىن ئېشىپ ، iPhone 4S يان تېلېفوننىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ سېتىلىش رېكورتنى ياراتتى.نۆۋەتتە iPhone 4S ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇننىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى زاكاس مىقدارى 600 مىڭ دانىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ،بۇ زاكاس توختاملىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا،فىرانسىيە،گىرمانىيە،ياپۇنىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا iPhone 4S ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونىنىڭ زاكاز قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى بىر جەھەتتىن ئالما تېلېفونىنىڭ دېتالىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى،يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭىلىنىش شۇنداقلا تاۋۇش پەرق ئېتىش يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن،ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبزنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.يەنى ئالما تېلېفون مەستانىلىرىنى جوبزنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ تېلېفوننى بەس-بەستە سېتىۋالماقتا ئىكەن.
|
------分隔线----------------------------