80 ياشلىق غايەت زور تىمساق سۇ يۈزىگە ئېتىلىپ چىقتى
يوللانغان ۋاقتى: 05:30 14-07-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

خەلق تورى بېيجىڭ 7- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر دارۋىنغا يېقىن جايدىكى ئادېلايدې دەرياسىدا بىر غايەت زور«تۇزلۇق سۇ تىمسىقى» ياشايدۇ.يېقىندا، بىر توپ ساياھەتچىلەر كىمىگە ئولتۇرۇپ ئۇنى كۆرگىلى باردى، ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەردى.
يەنى بىر تال ئۇزۇن تاياقچىنىڭ ئۇچىغا گۆشنى باغلاپ ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرمەكچى بولغاندا، بۇ 80 ياشقا كىرگەن غايەت زورتىمساق بۇ گۆشكە ئېرىشىش ئۈچۈن سۇ ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقتى.كىشىلەر بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇزلۇق سۇ تىمسىقى دۇنيادىدىكى ئەڭ چوڭ تىمساق . ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر ، ئېغىرلىقى450 كىلوگرام كېلىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر يەتتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، بىر توننا ئېغىرلىقتىكى تىمساقنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.دالىدا بۇ خىل تىمساق ئاساسلىقى 70 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈركۆرىدۇ، ئاساسلىق دەريا سۈيىنىڭ دېڭىزغا قويۇلۇش ئېغىزىدا ياشايدۇ، مەسىلەن:ھىندونىزىيەنىڭ شەرقىي قىسىمى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا.
تۇزلۇق سۇ تىمسىقى قالتىس سۇ ئۈزۈش ماھىرى، ئۇلار دېڭىزدىمۇ ئىنتايىن ئەركىن سۇ ئۈزەلەيدۇ.ھەتتا باشقا ئاراللارغا كۆچۈپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.بۇ خىل تىمساق دائىم لاي سۇ ئارىسىغا مۆكۈۋىلىپ، سۇ كالىسى مايمۇن، ياۋا چوشقا قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ يەيدۇ. بۇ خىل تىمساقنىڭ ساياھەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دائىم يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، يەرلىك ھۆكۈمەت كىشىلەرنى ئۇ ياشايدىغان رايونغا بېرىپ ھەرىكەت قىلماسلىققا ئەسكەرتىدۇ،بىراق كىمە بىلەن بۇ خىل تىمساقنى تاماشا قىلىش ئۇ يەردىكى ئەڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن
پائالىيەتلەرنىڭ بىرى.
|
------分隔线----------------------------