يەر شارى تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋىرى: شىياڭگاڭ «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىنلىقلارنىڭ جۇڭگوغا قارشى كەيپىياتى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى ئۆرلىگەن، بۇ ئېتىمال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنى تېزلىتىپ، فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىگە خەۋپ يەتكۈزىشى مۇمكىن ئىكەن. جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان زېمىنلارنى چۆرىدىگەن ئىككى ئايلىق دېپلوماتىيە ماجراسى فىلىپپىندا جۇڭگوغا قارشى دولقۇننى كۆتۈرگەن، جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى كۈچەيگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، فىلىپپىن پىرىزدېنتى ئاكىنو جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ماجراسى مەسىلىدە فىلىپپىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ «بوزەك قىلىشى» غا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك دېگەن. مۇنداق مىللەتچىلىككە ياقىدىغان ئىپادە جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىش دارۋاڭلىرىنى كۈچەيتكەن. Yahoo تورىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈشىدىن كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغان 31 مىڭ فىلىپپىنلىقتا، %70 ئارتۇق فىلىپپىنلىق جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشنى قوللايدىكەن. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلق رايونى تەكشۈرىشىدىمۇ، جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. فىلىپپىن ئالبېر ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى ئەڭ بالدۇر دارۋاڭ قىلغان بولۇپ، ئەمما ئاكىنو بۇ سادانى بېسىقتۇرۇپ قويغان، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ماجراسىنىڭ فىلىپپىن جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى فىلىپىننىڭ ئاممىسىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىدىكى ئىنكاسىنى پەسەيتىشكە دەۋەت قىلغان. فىلىپپىن ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى سودا جېڭى فىلىپپىنغا، ھەتتا پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. فلىپپىن سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دېيىشىچە، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ ئەرزان ماللىرىغا تايىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىش فىلىپپىننىڭ پۇل پاخاللىقىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ تاشلايدىكەن. جۇڭگو نۆۋەتتە فىلىپپىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېركىتى بولۇپ قالغان، جۇڭگونىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك چەكلەش پەرمانى فىلىپپىننىڭ 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكىسپورتىنى خەتەرلىك ئەھۋالغا قويىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگوغا قارشى كەيپىيات ۋە جۇڭگو ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، فىلىپپىنلىقلار ھەتتا جۇڭگونىڭ ئەڭ بالدۇرقى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى چۆرۈپ تاشلىغان. بۇ كەيپىياتنىڭ كونكرېت جۇڭگوغا قارشى سىياسەت ۋە ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىشى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. |