ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ج ك پ ‹كىم جۇڭئۇل›نىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلىگراممىسى ئەۋەتتى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-20 02:01 مەنبەسى: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ج ك پ مەركىزى كومېتىتى كىم جۇڭئۇلنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلىگراممىسى ئەۋەتتى
  
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، چاۋشىيەن پيۇڭياڭدىكى مەلۇم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىم جۇڭئۇل ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرمەكتە. چاۋشىيەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇل 17-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 8:30 دا ۋاپات بولغان.
 
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ج ك پ مەركىزى كومېتىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتى قاتارلىق ئورۇنلار بېيجىڭدىن چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇلنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلىگراممىسى ئەۋەتتى.
 تەزىيە تېلىگراممىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
پيۇڭياڭدىكى، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتى، چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتى، چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچكى كابېنتىغا:
چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومېتىتىنىڭ باشلىقى، چاۋشىيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى يولداش كىم جۇڭئۇلنىڭ بەختكە قارشى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان خەۋىرىنى ئاڭلىغان چېغىمىزدا، چەكسىز ئازابقا تولغان ھېسسىياتتا پۈتكۈل چاۋشىيەن خەلقىگە ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەرىمىزنى ۋە ئەڭ سەمىمىي ھال سورىشىمىزنى بىلدۈرىمىز.
       يولداش كىم جۇڭئۇل چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى ۋە چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رەھبىرى ئىدى، ئۇ چاۋشىيەن خەلقىنىڭ چاۋشىيەنچە سوتسىيالىستىك كۈچلۈك ۋە گۈللەنگەن دۆلەت قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىشى ئۈچۈن پۈتكۈل زېھنىنى ئاتا قىلىپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتتى.
       جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىن دوستى بولغان يولداش كىم جۇڭئۇل، زور قىزغىنلىق بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ياراتقان ۋە يېتىشتۈرگەن جۇڭگو-چاۋشىيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر دوسلۇق ئورناتتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋېتىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇ سەۋەب جۇڭگو پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى يولداش كىم جۇڭئۇلنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو خەلقى يولداش كىم جۇڭئۇلنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
        يولداش كىم جۇڭئۇل بىز بىلەن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاۋشىيەن خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھاياتتۇر. بىز ئىشىنىمىزكى، چاۋشىيەن خەلقى يولداش كىم جۇڭئۇلنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش كىم جۇڭئۇننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۈچلۈك گۈللەنگەن سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزاققىچە تېنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق قەدەم باسىدۇ.
        جۇڭگو بىلەن چاۋشىيەن تاغ-دەريالىرى تۇتاش، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ ھەمسەپەردۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرەنمەس فاڭجىنىدۇر. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەملەنگۈسى ۋە تەرەققىي قىلغۇسى، جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ چاۋشىيەن خەلقى تەرەپتە تۇرىدۇ.
       يولداش كىم جۇڭئۇل مەڭگۈ ھايات!
     
 ج ك پ مەركىزى كومېتىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىدىن.
 
 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى. بېيجىڭ.
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>