گوۋۇيۇەن بۇگۈن2012-يىلدىكى ئاساسلىق بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىدى. يېڭى يىل بايرىمى بىلەن چاغان بايرىمى تەڭلا 1-ئايدا كېلدىكەن، مۇشۇنداق بولغاندا 1-ئايدا خىزمەتكە چىقىدىغان كۈن ئارانلا17كۈن بۇلىدىكەن. تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمۇ ئۇلاپ كېلىدىكەن، دەم ئېلش كۈنى 8كۈن بۇلىدۇ.

چاغان بايرىمى بىلەن يېڭى يىل بايرىمىدە دەم ئىلش كۆرسەتمە خەرىتىسى
گوۋۇيۇەن بەنگوتىڭنىڭ 2012-يىللق بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
گوۋۇيۇەن بەنگوتىڭ تېلگىراممىسى [2011] 45-نۇمۇرلۇق
ھەر قايسى ئۆلكە، ئابتونۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۇەنگە بىۋاستە قارشلىق كومىتىت ۋە ئورگانلار:
گوۋۇيۇەننىڭ« ‹مەملىكەتنىڭ يىلدىكى بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرنىڭ قوياپ بېرىش چارىسى›نى تۈزۈتۈش قارارىغا ئاساسەن»، ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ئورۇنلارنىڭ بايرام دەم ئېلىش كۈنلرىدىكى ساياھەت، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مۇناسۋەتلىك خىزمەتلەرنى بۇرۇنراق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۇەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2012-يىلدىكى يېڭى يىل بايرىمى، چاغان بايرىمى، چوكانتال بايرىمى(清明节)، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى(端午节)، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىنىڭ قوياپ بېرىش ۋە خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تۆۋەنگىچە:
1- يېڭى يىل بايرىمى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن 3-كۈنىگىچە جەمئى 3كۈن دەم ئېلىندۇ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى(شەنبە) دەم ئېلىنمايدۇ،يەنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئىلش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلدۇ.
2- چاغان بايرىمى
1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەمئى 7كۈن دەم ئېلىندۇ، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە) دەم ئېلىنمايدۇ ،يەنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئىلش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلدۇ.
3- چوكانتال بايرىمى
4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4كۈنىگىچە جەمئى 3كۈن دەم ئېلىندۇ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (شەنبە)، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى (يەكشەنبە) دەم ئېلىنمايدۇ، يەنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلدۇ.
4.ئەمگەكچىلەر بايرىمى
4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئى 3كۈن دەم ئېلىندۇ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە) دەم ئېلىنمايدۇ،يەنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلدۇ.
5-تاڭزۇڭزا چاغىنى
6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە جەمئى 3كۈن دەم ئېلىندۇ.
6-تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى
9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە جەمئى 8كۈن دەم ئېلىندۇ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە)، دەم ئېلىنمايدۇ، يەنى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلش ۋاقتى ئالماشتۇرۇلدۇ.
بايرام ۋە دەم ئېلش مەزگىلىدە، ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ئورۇنلارنىڭ دىجورنىلق، بىخەتەرلىك ۋە قوغداش خىزمىتىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، تاسادىپىي چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكىلات قلىش ۋە ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرام كۈنلىرىنى تىنىچ خاتىرجەم ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قلىش كېرەك.
گوۋۇيۇەن بەنگوتىڭ
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
سالام ئۈرۈمچى ئۇنۋېرسال بېكىتى مەرۋە تەرجىمىسى