ئۆتۈپ كەتكەن 10يىلدا، 3تۈمەندىن ئارتۇق فىرانسىيەلىك ئايال ۋە نەچە مىڭلىغان ھەريەردىن كەلگەن ئاياللار كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىدە كەمتۈكلۈك بار كۆكسىنى يوغانتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، نەچچە تۈمەنلىگەن ئاياللار قاقشاپ، ئۇلارغا ئوپراتسىيە قىلغاندا كۆچۈرگەن ماددىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم بولماستىن، سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.نۇرغۇن كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاياللار ئۆزىنىڭ ئوپراتسىيە قىلىش سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى، ئاڭلاشتا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى، بۇ خىل سەتچىلىكنىڭ ئاشكارلىنىشى فىرانسىيە شەكىل تۈزەش كەسپىنى ساراسىمىگە چۈشۈردى.
باش تارمىقى فىرانسىيە جەنۇبى قىسىمدىكى Poly Implant Prosthesis شىركىتى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سىلتىسىيلىق يېلىم ئىشلەپچىقارغۇچى سەركەردىلىرىنىڭ بىرى، بۇ شىركەت ئۇزۇن مەزگىل سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىمنى داۋالاشتىكى تولدۇرغۇچى ماددا ئورنىدا ئىشلىتىپ، كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيەسىگە ئىشلەتكەن، بۇ ئارقىلىق 1 مىليارد دوللارنى تېجەپ قالغان، بۇ خىل كۆچۈرۈشتە ئاسان ئاجراپ كېتىش ھەم خوراشتەك كەمتەكلۈكى ئاشكارلانغان.
يېقىندا بۇ شىركەت تاقىۋىتىلگەن بولۇپ، 2000نەپەر ئايال بۇ شىركەتنى ئەرز قىلغان، بىر ئايالنىڭ ئوپراتسىيەدىن كېيىن راك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكىنىگە قارىتا ئەدلىيە ئورگانلىرىمۇ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
نۇرغۇن كۆلسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان ئاياللار يېقىندا فىرانسىيە سەھىيە ئورگىنى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى، ئۇلار ھۆكۈمەتنى يۈرگۈزۈشى يېتەرلىك ئەمەس دەپ نارازىلىق قىلدى، فىرانسىيەدە پۈتۈن ياۋروپا دۆلىتى بويىچە ئەڭ چوڭ شەكىل ئۆزگەرتىش ئىگىلىكى ھەم گىرىم بويۇملىرى ئىگىلىكى بار، تەخمىنەن40~50تۈمەن فىرانسىيە ئاياللىرى كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ باققان، ھەر يىلى بۇ سان 2.1تۈمەن ئادەمنى ئىگەللەيدۇ.
ئامېرىكىدىكى بىر داۋالاشنى ۋە نازارەت قىلىش ئورگىنى، كۆچۈرۈلگەن PIP تولدۇرغۇچى ماددا بىلەن راك بولۇپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دېدى، لېكىن فىرانسىيە داۋالاش مۇتەخەسىسسى ، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخى بۇزۇلۇپ كەتمىگەن كۆچۈرۈلگەن سىلتىسىيلىق يېلىمنى ئېلىۋىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى