12-ئاينىڭ 8-كۈنى،ئىسرائىلىيە تېل ئاۋىۋ ئەتراپىدىكى ئىسرائىلىيە ئالەم بوشلۇقى سانائەت شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئىسرائىلىيە ئالەم بوشلۇقى›› خۇسۇسىيلار ئايغا چىقىش تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ،ئىسرائىلىيە پىرزىنىتى پېرىس (ئوتتۇرىدا) بۇ تۈر سوۋغا قىلغان ئايغا چىقىش ‹‹ئايروپىلان بېلىتى›› نى قوبۇل قىلدى.پايدا كۆزلىمەيدىغان تەشكىلات ‹‹ئىسرائىلىيە ئالەم بوشلۇقى›› 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ تەشكىلات 120 دىن ئارتۇق ياش ئالىم ۋە ئىنژىنېرلاردىن تەشكىل تاپقان.بۇ يىل مەزكۇر تەشكىلات Google شىركىتىنىڭ <ئاي شارى X چەڭ مۇكاپاتى> مۇسابىقىسى ئەترىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.ئۇلار 2014-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ئويۇلغان كىچىك تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۈسكۈنىسىنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقماقچى.