پەلەستىن، ئىسرائىلىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزر قىلدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن، ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش سىياسىتىگە توسالغۇ بولۇشنى تەلەپ قىلدى. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى رىياد مەنسۇر، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى باشلىقى رۇسىيە ۋەكىلى ۋىتالى چۇركى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا مەنسۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا داۋاملىشىۋاتقان تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى. پەلەستىن ئەلچىسى، كېڭەشتىن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىغا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مەنسۇر، بۇ ئىش ئۈچۈن باشقادۆلەتلەرلەردىمۇ زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پەلەستىن ھاكىمىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەنە 40 قانۇنسىز تۇرالغۇ جاينىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى، بىر پەلەستىنلىك ئائىلە بىلەن يەنە بىر پەلەسىنلىكنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
|