تانزانىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 220 جەسەت سۈزىۋېلىندى
يوللانغان ۋاقتى: 07:59 15-09-2011 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تانزانىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 220 جەسەت سۈزىۋېلىندى
جۇڭگو خەۋەر تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى، 9-سېنتەبىر كېچىدە تانزانىيە گىھبار ئارىلى بىلەن قوشنا ئارال ئوتتۇرسىدا بىر دانە كېمە چۆكۈپ كەتتى، 11-سېنتەبىر ساقچىلار 200 نەپەر نەپەر بەخىتسىزلىككە ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ چىققان، بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەردە كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە بەخىتسىزلىككە ئۇچىرىغانلاردىن 220 نەپىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
ئىگلىنىشىچە، خەۋەردە كېمىدە جەمىئىي 610 نەپەر يولۇچى بار دېيىلدى، لېكىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلى كېمىدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن. يەرلىك تېلېۋىزيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە 620 ئادەم تۇللۇق قۇتقۇزۇلدى، بەزى يىنىك يارىلانغانلار دوختۇرخانىدىن چىقتى، سەل ئېغىر يارىلانغانلار ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ دېدى.
ۋەقە چىققاندىن كېيىن تانزانىيە ساقچى دائىرلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش ئەتىرىتى تەشكىللىدى ۋە نۇرغۇن كېمە ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاجىراتتى. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا، ئەمما دېڭىزدا شامال كۈچلۈك بولغاچقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەسىتى بەلكىم دېڭىزنىڭ ئىچكىرسىگە ئېقىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىندى.
سەل بالدۇرراق ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ۋەقەگە ئۇچىرىغان 192 نەپەر ئادەمنى ئائىلە تاۋاباتلىرى تونۇپ ئېلىپ كەتتى، قالغان 28 نەپەر جەسەتنىڭ سالاھىيتى داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە بەخىتسىزلىككە ئۇچىرىغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىنكەن.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------