يانۋار چۈشتىن كېيىن، يەنچىڭ شەھىرى شېياڭ بازىرىدا بىر پىكاپ باشقا بىر پىكاپقا يول بېرىۋاتقاندا، كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، سۇ ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتكەن، ماشىنىدا تۆت ئادەم بار بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان ئاكا - ئۇكىلار مۇز تۇتقان دەرياغا سەكرەپ بۇ تۆت ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان.ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن شېياڭ ناھىيەسى سىمىڭ بازىرى ئىكەن، پىكاپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ماشىنا ئۆرۈلۈپ دۈم بولۇپ قالغانلىقتىن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغان، تۆت يولۇچىنىڭ ئۆلۈك- تىرىكلىكى نامەلۇم ئىدى، سۇ ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى، مۇشۇ پەيىتتە، يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاكا - ئۇكا گۇباۋجۈن ۋە گۇياۋجۈن بۇ ئىشنى بايقاپ، دەرھال كالتەك ئېلىپ دەرياغا چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى قومۇرۇپ ئاچتى، ۋە ئىچىگە سولۇنۇپ قالغان تۆت ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، يارىلانغان ئۈچ ئادەم دوختۇخانىغا ئېلىپ كېتىلىپتۇ، يەنە بىر ئايال بولسا يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك ماگىزىنغا ياتقۇزۇلۇپ قويۇلۇپتۇ، مۇخبىر تۆت ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالغان ئاكا - ئۇكىلارنى تېپىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ پىداكىرانە ئىشلىرىنى دېگىلى ئۇنىمىدى، مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، بۇ تۆت ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يوق ئىكەن |