نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

خەلقئارا نېفىت باھاسىدىكى 40يىللىق

يوللانغان ۋاقتى: 05:55 05-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۆۋەن باھا 2دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ، يۇقىرى باھا 150دوللارغا يىقىنلىشىدۇ خەلقئارا نېفىت باھاسىدىكى 40يىللىق داۋالغۇش

ئۆتكەن 40يىل جەريانىدا خەلقئارا نېفىت باھاسى چوڭ داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2دوللاردىن ئۆسۈپ 150دوللارغا يىقىنلاشتى. تۆۋەندىكىسى نېفىتقا ئالاقىدار چوڭ ئىشلار خاتىرىسى:
1970-يىلى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت تەرەپ نىفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭىنى 1.8ئامېرىكا دوللىرى دەپ بېكىتتى.
1974-يىلى: 1973-يىلى 10-ئايدىكى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى 1-قېتىملىق نىفىت قەھەتچىلىكىنى پەيدا قىلىپ، نىفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭى 10دوللاردىن ئاشتى.
1979-يىلى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى يىڭى بىر نۆۋەتلىك نېفىت كىرىزىسىنى پەيدا قىلدى. ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 20دوللاردىن ئاشتى.
1990-يىلى 9~10ئايغىچە: ئىراق كۇۋەيىتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 40دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.

f77058b1eb27d1ce2565f7aa8113fe18.jpg

ئەنگىلىيە شىمالىي دېڭىز برونت نېفىتىنىڭ باھا ئۆزگىرىش جەدىۋىلى

2008-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى: نېگىرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق، پاكىستان ۋەزىيىتىدىكى تۇراقسىزلىق ۋە ئامېرىكا بازىرىدىكى تەمىنلەش مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىنى تارتتى. نېفىت باھاسى تارىختا تۇنجى قېتىم 100دوللارلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى.
2008-يىلى 5~6-ئايغىچە: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ تۇتۇقلۇقى، ئامېرىكا ئېنىرگىيە زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە جۇڭگۇنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن نېفىت باھاسى 120دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ، 130دوللار ۋە 140دوللارغا يەتتى.
2008-يىلى 7~12ئايغىچە: دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىش ئېنىرگىيەگە بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىپ، نېفىت باھاسى شىددەتلىك چۈشۈپ، ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 100دوللاردىن تۆۋەن سەۋىيەگە قايىتتى.
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى: نىيو يورك نېفىت باھاسى چۈشۈپ ھەر تۇڭى 32.40دوللارلىق سەۋىيەگە كەلدى.
2009-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە: نېفىت باھاسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، 5-ئايدا ھەر تۇڭى 60دوللار، 6-ئايدا ھەر تۇڭى 70دوللارلىق سەۋىيەگە كەلدى.
2009-يىلى 12-ئايدا: نېفىت باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %70ئۆرلىدى.
2010-يىلى: يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئاجىز ھالدىكى ئەسلىگە كېلىشنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆستى، يىل ئاخىرىدا لوندۇن بازىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ ھەر تۇڭى 93دوللارغا، نىيو-يورك بازىرىدا 90دوللارغا يېقىنلاشتى.
مەبلەغچىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرغىنى، خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ياۋرۇ رايۇنى، ئەنگىلىيە، ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا ئاللىقاچان ئېغىر دەرىجىدىكى چېكىنىشتىن قۇتۇلغان.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى: لوندۇن بازىرىدىكى نېفىت  (برونت نېفىتى) باھاسى 2008-يىلى 10-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزدى.


ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر