نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ئۆزبېكىستان ھاراق - تاماكا ئېلانىنى مەنئىي قىلدى

يوللانغان ۋاقتى: 14:09 10-06-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموۋ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئ

 

يېقىندا، ئۆزبېكىستان مونوپولغا قارشى كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئېلان قانۇنى» دىكى يېڭى تەلەپ بويىچە، كوچا، يايما، قەھۋەخانا، قاۋاق ۋە ئاشخانا - رېستۇرانلارنى تازىلاپ تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموۋ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئېلان قانۇنى»نى ئىمزالىدى.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى »ئېلان قانۇنى« غا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھاراق - تاماكا مەھسۇلاتلىرى ۋە پىۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل گىرادۇسلۇق ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ئېلانىنى تارقىتىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلدى. مەزكۇر قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، تاماكا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئەۋرىشكىلىرىنى ھەقسىز كېڭەيتىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ داڭلىق تاماكا ۋە ھاراق مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى ۋە ماركىسىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم قوللاش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ تاماكا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرى كوچىلاردىكى ئېلان تاختىلىرىدىن، ئىمارەتلەردىن، قەھۋەخانا، ئاشخانا - رېستۇران، قاۋاق، سودا - تىجارەت ئورنى ۋە سودا سارايلىرىنىڭ ۋىترىنالىرى ھەم ئىچكى تاملىرىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەھسۇلات ئورامىدىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانىنى بېسىشقا بولمايدۇ.

بۇندىن باشقا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يەنە تاماكا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى، مەسىلەن تاماكا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا بەلگىسى بېسىلغان پۇتبول مايكىسى، شەپكىسى، ئىستاكانى ۋە كۈلدانلىرىنى كېڭەيتىش ھەم سېتىشنى مەنئىي قىلدى. ئەگەر بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون 500 مىڭ سۇم (ھازىرقى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە تەخمىنەن 3000 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ياخشىكەن
(23)
92%
ناچاركەن
(2)
8%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر