![]() 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ساياھەتنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭلىقلار سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا باشلىدى. 10-ئىيۇن كەچقۇرۇن شىنجاڭدىن تەيۋەنگە تۇنجى مەخسۇس پويىز قاتنىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ مەخسۇس پويىزدا ياشانغان ساياھەتچىلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ياشانغانلارنىڭ پىسخىكا شارائىتىغا ئاساسەن، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش دەرسلىكى، كۈتىنىش گىمناستىكىسى، جۇڭيى دورىلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى قاتنىغان بۇ مەخسۇس پويىزنىڭ ساياھەتچىلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەرنىڭ دوستلۇق ئەلچىلىرى، ئۇلار تەيۋەنگە بېرىپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىدۇ.
|