سانجىدا ئىككى بالا سۇ ئازگىلىغا چۆكۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى
يوللانغان ۋاقتى: 03:32 11-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سائەت 19دا، مۇخپىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان شاشىچاڭ سۇ ئازگىلىغا يېتىپ كېلىپ، بەش-ئالتە ۋاسكېتبول مەيدانچىلىك
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سائەت 19دا، مۇخپىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان شاشىچاڭ سۇ ئازگىلىغا يېتىپ كېلىپ، بەش-ئالتە ۋاسكېتبول مەيدانچىلىك كېلىدىغان سۇ ئازگىلىنىڭ داشا دەرياسىغا ياندىشىپ ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئىككى بالىنىڭ جېنىنى ئېلىپ قاچقان بۇ سۇ ئازگىلى ئىلگىرى بىر قۇم ئورىكى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھېچكىم باشقۇرمىغاچقا ، دەريادىن ئېتىلىپ چىققان كەلكۈن سۈيى بۇ قۇم ئازگىلىنى سۇ ئازگىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىكەن.
ئارليۇگوڭ بازىرىنىڭ مەسئولىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ 4 بالىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بازارلىق بالىلار بولۇپ، ئىككىسى 14 ياش، بىرى12 ياش، ئەڭ كىچىكى 7 ياش ئىكەن، 7 تاشلىق بالا ئۆزى كىچىك بولغاچكىمىكىن سۇغا چۈشۈشتىن قورقۇپ سۇ ئازگىلىغا چۈشمىگەن ئىكەن، قالغان 3 بالا قول تۇتۇشۇپ ئازگالغا چۈشكەن بولۇپ، 12 ياشلىق بالا ئۆزى سۇ ئۈزۈپ قايتىپ چىققان ئىكەن.
14 ياشلىق بۇ ئىككى بالىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى، شياۋ خەي يەنە بىرىنىڭ ئىسمى شياۋ شى، سۇ ئۈزۈپ قايتىپ چىققان بالىنىڭ ئىسمى شياۋ لىن بولۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن.
شياۋ لىن:« چۈش سائەت 3 دىن ئاشقاندا، بىز تۆتەيلەن بىرلىكتە داشا دەرياسىغا بېرىپ سۇ چۆمۈلگەچ يۇيۇنۇپ كېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۈچۈيلەن قول تۇتۇشۇپ سۇ ئازگىلىغا چۈشتۇق، مېڭىپ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز شياۋشىنىڭ قولى بوشاپ يڭوقاپ كەتتى، مەن بەلكىم پۇتى پاتقاققا پېتىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، شياۋ خەي بىلەن كەينىمىزگە قاراپ ئۈزدۇق، ئەمدىلا ئازراق ئۈزۈشىمىزگە شياۋ خەيمۇ يوقاپ كەتتى، مەن مىڭ تەسلىكتە ئۈزۈپ قىرغاققا چىقىۋالدىم».
شياۋ لىن قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرغان، لېكىن كىشىلەر سۇ ئازگىلىنىڭ بەك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىگە چۈشۈپ بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا پېتىنالماي دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، سانجى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.
ئارليۇگوڭ بازىرىنىڭ مەسئولىنىڭ ئېيتىشىچە،ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار دەرھال سۇ ئىشلىرى ئورنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ داشا دەياسىنىڭ چۈشۈرگۈسىنى ئېتىۋېتىپ، 4 دانە ئېكسكاۋاتور ۋە 5 دانە كۈرۈكلىك ماشىنا بىلەن سۇ ئازگلىدىكى سۇنى سىرتقا چىقارغان، سائەت 22 بولغىچىمۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرى بالىلارنى تاپالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن بەك كەچ بولۇپ كەتكەن بولغاچقا ھەم دەريا بويى تەرەپ بەك سوغاق بولۇپ كەتكەچكە چارىلاش خىزمىتىنى ئىككىنچى كۈنىگە قويۇپ قويغان. قۇتقۇزۇش خاىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇ ئازگلىنىڭ چوڭقۇرلىقى 7-8 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، سۇ ئاستى بەك دۇغ بولغاچقا ھېنىمىنى كۆرگىلى بولمىغانلىقتىن ، ھەممە يەرنى قولى بىلەن سىلاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەن.
شياۋ شىنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ يىللاردا بۇ سۇ ئازگىلىدە چۆكۈپ ئۆلۈپ قالغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، ئۇ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بۇ ئىككى بالىن داۋاملىق ئىزدەۋېتىپتۇ.
|
------分隔线----------------------------