گىرمانىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى ئافخانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامىرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىگۇنا يەرلىك پۇقرالارنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرگەن رەسىملىرىنى ئاشكارلىدى. شىنخۇا ئاگىنتلىغى تېلگىرامىسى: گىرمانىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى 20-مارىت ئامىرىكا نىڭ ئافخانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربى قىسم ئەسكەرلىرىنىڭ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئافخانىستان پۇقرالىرىنىڭ جەسەتلىرىنى تۇتۇپ ھەرخىل ھالەتتە چۈشكەن نۇرغۇن رەسىملىرىنى ئاشكارلىدى. رەسىملەر ئىنتايىن ۋەھشى بولۇپ، رەسىمدىكى ئامىرىكا ئەسكەرلىرى بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ھازىر ھەربى سوتقا تارتىلىش ئالدىدا ئىكەن.
ئامىرىكانىڭ ئافخانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربى قىسمى ئىچىدە شەكىللەنگەن "ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇرۇپىسى" بەش ئەزادىن تەشكىللەنگەن بولۇپ،2010-يىل ئامىرىكا بىرلەشمە ئاخپارات ئىدارىسى بۇرەسىملەرنى بۇ بەش ئەسكەرنىڭ دۇستىنىڭ يېنىدىن بايقاپ رەسىملەرنى قاتتىق مەخپى ساقلىغان . گىرمانىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ رەسىملەرنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىگى تېخى نامەلۇم. سالام ئۈرۈمچى توربېكىتى تەرجىمەقىلغان. |