لادېننىڭ ئوغلى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ كەتكەن
يوللانغان ۋاقتى: 00:19 13-05-2011 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلى ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ئىكەن

بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ 14 ياش ۋاقىتىدا چۈشكەن رەسىمى

بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلى ھەمزە(Hamza)
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ماي خەۋىرى: پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە،ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى ئەترىتىنىڭ 5-ئاينىڭ دەسلىپىدىكى«بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېنغا قارىتىلغان ھۇجۇمىدا، بىن لادېننىڭ بىر يېقىن تۇققىنى يوقاپ كەتكەن، ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا قېچىپ كەتكىن بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلى ھەمزە(Hamza) ئىكەن.
نۆۋەتتە پاكىستاندا سولاپ قۇيۇلغان بىن لادېننىڭ 3 يېسىر ئايالىنىڭ سوراق قىلغۇچىغا ئېيتىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ھەرىكەتتىن بۇيان، بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلىنى ئۇچرىتىپ باقماپتۇ.
بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ھەمزە(Hamza) بىن لادېننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئوغلى ئىكەن. ئاق ساراي دەسلەپتە بىن لادېننىڭ ئوغلى ھەمزە(Hamza)نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگىنى ھەمزە(Hamza) بولماستىن، ئۇنىڭ 22 ياشلىق ئاكىسى خالىد(Khalid)ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئىسلامئاباد ئاخبارات خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، سىرتقا ئاشكارلانغان خەۋەرلەرنىڭ بىردەك بولماسلىقى ۋە بىن لادېننىڭ يېسىر ئاياللىرىنىڭ ئىقرارى ئۇلارنى بىن لادېننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلشتا ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن.
ئاخبارات خادىمى:«بىز بۇ بالىنىڭ بىن لادېننىڭ ئوغلى ياكى ئەمەسكىكىنى بىلەلمىدۇق، ئەينى چاغدا ئۇ تۇرالغۇ ئىچىدە بار بولىشى مۇمكىن»دەپ كۆرسەتكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ھەمزە(Hamza) ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن «تېررورچى شاھزادە» دەپ ئاتالغان، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەمزە(Hamza) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەلكىم بىن لادېننىڭ ئىزباسارى قىلىپ تەربىيلەنگەن بولىشى مۇمكىنكەن.
|
------分隔线----------------------------