ئۈرۈمچىدە 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ پار بېرىلىدۇ
يوللانغان ۋاقتى: 22:29 11-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
.
ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ قىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بېرىشكە قوماندانلىق قىلىش ئىشخانىسى 15-ئۆكتەبىر سائەت 0:00دىن باشلاپ پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پار بىلەن تەمىنلەشتىكى ئالدىنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بالدۇر ئىشلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بېرىشكە قوماندانلىق قىلىش ئىشخانىسى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2011/2012 يىللىق ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى پار بېرىشنى يولغا قويۇش پىلان لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پار بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ 24 سائەتلىك قىزىق لىنىيەلىك مۇلازىمەت تېلېفونىنى ئاشكارىلاپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈرلۈك پار بېرىش مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى؛ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى پار بېرىش رايونىغا مۇقىم تېمپېراتۇرا ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، قەرەللىك ھالدا تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەپ تۇرۇش ھەم ئاھالىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشىككىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ بېرىشى ۋە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىشى؛ مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ، پار بېرىشتىكى مەسىلىلەرنى تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------