جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: «دوستانە ئالاقە، ئاسىيا، ياۋروپا بىر ئائىلە، ئىناقلىق رىشتىسى، ئىقتىساد-سودا ۋاسىتىسى»لىق بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى 5-سېنتەبىر تولۇق ئاياغلاشتى. نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى يەرمەنكىلەرنىڭ بىرى بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى بەش كۈندىن بۇيان 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 300 مىڭدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىز مېھمانلار بىلەن سودىگەرلەر 50 مىڭدىن ئاشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ ۋېي مۇنداق دېدى: پۈتكۈل ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكە مەيدانىنىڭ كۆلىمى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلاشتى، كۆرگەزمە ئورنى تۆت مىڭدىن ئاشتى، دۆلەت دەرىجىلىك يەرمەنكىلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرمەنكە ۋە مەبلەغ سېلىش تۈر سۆھبىتىنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسىدە پۈتۈشۈلگەن تاشقى ئىقتىساد سودا سوممىسى بەش مىليارد 506 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. جۇڭگو كۆرگەزمە ئىقتىساد تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېن زېيەن مۇنداق دېدى: ئاسىيا، ياۋروپا يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى، نۆۋەتتە تۈرلۈك پايدىلىق شارائىتلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يەرمەنكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |