1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر قىسىم تىجارەت بېجى ۋە يەرخېتى بېجى تەڭشەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي ماجىرا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مال – مۈلۈك كېسىمىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۆي – مۈلۈك، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەش ئىشلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆي – مۈلۈك، يەرنىڭ تەننەرخى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئوخشاش جايدىكى ئۆي – مۈلۈك، يەرنىڭ باھاسىدىمۇ زور پەرق بولدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن تىجارەت بېجى، يەرخېتى بېجى ھېسابلاشتا سوت مەھكىمىسى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ھاۋالە قىلغان ئۆي – مۈلۈك، يەرنىڭ كېلىشىم سوممىسىنى ئاساس قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، سوتنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيىتى بىلەن ئۆي – مۈلۈك، يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەشتە ئۆي – مۈلۈكنىڭ ئوتتۇرىچە سودا سوممىسىنى ئاساس قىلىپ باج ھېسابلاش، مۇناسىۋەتلىك تىجارەت بېجى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى، شەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلارنى سوت مەھكىمىسى ۋاكالىتەن يىغىشنى قارار قىلدى. مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى |