يۇرتىمىزدا بۈگۈن ئايەم،بۆگۈن بايرام،شاتلىقتۇر بۈگۈن
يوللانغان ۋاقتى: 03:57 29-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەڭرى تائالادىن خەلقمىزگە بەخت – سائادەت، ئاسايىشلىق، پاراۋانلىق تىلەيمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇتلۇق كۈن – روزا ھېيتتۇر. ئىنسان ئىچكى گۈزەللىكى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنىڭ يۈكسىلىش بايرىمى بولىمىش ئۇلۇغ روزا ھېيتى مۇناسىۋېتى بىلەن بارچە دوستلارنى چىن كۆڭلۈمىزدىن تەبرىكلەيمىز.
خۇشاللىنارلىقى، بۇ يىل روزا ھېيت ھەر يىلى نىشانلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بايرىمى بىلەن بىر پەيتگە توغرا كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جىمىكى ئۇستاز – ئوقۇتقۇچىلارغا ، مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچى بارلىق ساھىب قىرانلارغا سەمىمىي ئىھترام بىلدۈرىمىز ۋە ئىككى بايراملىق سالام يوللايمىز! ياراتقان ئاللاھ ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئۇستازلارنىڭ بەركاتىدىن ئەزگۈ نىيەتلىرىمىزنى ئىجابەت ئەتسۇن، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ ئەتسۇن، ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نىسىپ قىلسۇن!
ئىلاھىي زىياپەت ئېيىنىڭ پايانىغا يېتىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەڭرى تائالادىن خەلقمىزگە بەخت – سائادەت، ئاسايىشلىق، پاراۋانلىق تىلەيمىز.
روزا ھېيت مۇبارەك ، ئەزىزلەر !
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------