11-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي باھاسى، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئېشىشى نۆل بولغان. بۇ بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ تۇنجى قېتىم ھالقىسىمان ئۆسۈشتىن توختىشى بولغان. لېكىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆسۈش دەرىجىسى مەملىكەت ئىچىدىكى 70 ئوتتۇرا –چوڭ شەھەرنىڭ ئۆي باھا ئۆسۈشىدە 2-ئورۇندا تۇرى. 18-دېكابىر مەملىكەتلىك ستاتىستىكا تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان ،مەملىكىتىمىزدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەردە ئولتۇراق ئۆينىڭ سېتىلىش باھا ئۆزگىرىش توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، نويابىردا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى بىلەن يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ئۆكتەبىردىكى ئۆسۈش دەرىجىسىگە ئوخشاش بولغان. بۇ بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىدا تۇنجى قېتىم ھالقىسىمان ئېشىش توختىشى ھېسابلىنىدۇ؛ ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش دەرىجىسىدىن بىردەك %5.5ئاشقان؛ ئېشىش دەرىجىسى مەملىكەت ئىچىدىكى 70چوڭ،ئوتتۇرا شەھەر تەرتىپىدە2-ئورۇندا تۇرغان. نىمكەش تۇرالغۇ ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى ئۆكتەبىردىكىگە قارىغاندا %0.1 چۈشۈپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9ئاشقان.
بۇيىل يانۋاردىن نويابىرغىچە بولغان ئېشىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئېشىش دەرىجىسىدە كىچىكلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، يۇقىرىلاش يۈزلىنىشى روشەن ئاجىزلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسى ئۇدا 7ئاي مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسىدە ئالدىنقى3-ئورۇندا ئىدى.
شىنجاڭ يىجۈ شېڭشې ئۆي-مۈلۈك كەسپى ۋاكالەتچىلىك قىلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق ئانالىز قىلدى:ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۇدا ئۆسۈشىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللاردىن قارىغاندا، مەملىكەت ئىچىدە يۇقىرى پاخاللىق داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئولتۇراق ئۆي قاتتىق ئېھتىياجى داۋاملىق يۇقىرى بولۇش، بازاردىكى ھايانكەشلىك ۋە مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئۆي سېتىۋىلىش يەنىلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل.
ئەمەلىيەتتە، ئىزچىل كۈچەيتىلگەن مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش سىياسىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئولتۇراق ئۆي سودا مىقدارىدىمۇ روشەن تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك كەسپى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى 11ئايدا، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئالدىن سېتىشنى تەستىقلىغىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشقان، ھالبۇكى تاۋار ئولتۇراق ئۆينىڭ تىزىمغا ئېلىنغان پۈتۈشۈش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.95تۆۋەنلىگەن.نىمكەش ئۆينىڭ پۈتۈشۈش مىقدارى %42.48 تۆۋەنلىگەن.
|