يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا، كۈمۈش لىباس كىيگەن قار-مۇز ئارامگاھى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاناس مەنزىرىگاھى ھەر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى. ئۇلار قار-مۇز دۇنياسىدا سەپەر قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىشلىق تۇرمۇشىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق، شەھەر تۇرمۇشى بىلەن ئوخشىمايدىغان سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
قىش پەسلى يېرىم يىل داۋاملىشىدىغان A5 دەرىجىلىك مەنزىرىگاھ قاناستا ھەر يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە قاتتىق قار ياغىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىشلىق ساياھەت بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش ئۈچۈن، قاناس مەنزىرىگاھى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوللاردىكى قارلارنى تازىلاش ئەسلىھەلىرىگە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، كۆپ ئىقتىدارلىق قار تازىلاش ماشىنىسى، يول قىرىش ماشىنىسى قاتارلىق قار تازىلاش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرىگاھ يەنە قار-مۇز ساياھەت بايرىمى، تۇۋالار ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيۇشتۇرۇپ، قار-مۇز ساياھەت بايرىمى قاتارلىق ئۆزگىچە قىشلىق ساياھەت ماركىلىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، قاناسنىڭ قار-مۇز ساياھىتىنى بارغانسېرى قىززىتتى.