ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2 ئايروپورت بىناسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2 ئايروپورت بىناسى توققۇز ئايغا يېقىن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت نۆلدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.
T2 ئايروپورت بىناسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى، شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار T3 ئايروپورت بىناسىدا رەسمىيەت بېجىرگەندىن سىرت، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار T2 ئايروپورت بىناسىدا رەسمىيەت بېجىرىدۇ.
پۇتۇنلەي يېڭىلانغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T2 ئايروپورت بىناسى
1974-يىلى سېلىنغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T1 ئايروپورت بىناسى
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ T3 ئايروپورت بىناسى مەنبە : تەڭرىتاغ خەنزۇچە تورى |