نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

‹‹يىلپىز›› زەربىدارلار ئەترىتى شىنجاڭدا ئورۇنلاشتى

يوللانغان ۋاقتى: 11:40 07-09-2011 مەنبە: يەر شارى ۋاقىت گېز ئاپتورى: ياپراق كۆرۈلۈشى: قېتىم
يىلپىز›› زەربىدارلار ئەترىتى شىنجاڭدا ئورۇنلاشتى

      يەڭ بەلگىسىگە كۈچلۇك نەرە تارتقان يىلپىزنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۇلگەن ھەربىر ئەسكەرگە 300مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى زامانىۋى قورال-جابدۇق سەپلەنگەن. چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەزىرىدە <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتى جوڭگونىڭ تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر خەنجەر. شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ  باياناتچسى بۇ زەرىبدارلار ئەتىرىتنىڭ يېقىندا شىنجاڭدا تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئانالىزچىلار: جوڭگونىڭ بۇ كوزىر قىسىمنى شىنجاڭدا تۇرۇشقا ئەۋەتىشگە خوتەن بىلەن قەشقەر شەھرىدە تېروررلۇق ھەرىكىتى سەۋەب بولغان. بۇ ج خ ئورگىننىڭ زوراۋان، تېررورچىلارغا قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىدى.

     <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتى جوڭگونىڭ تېرررورىزمغا قارشى تۇرۇش قىسملىرى تەركىبىدىكى ئەڭ سىرلىق ئەترەت. ئۇلارنىڭ تېررورزىمغا قارشى تۇرۇش ئەسلىھەلىرى، تۇرۇشلۇق ئورنى ھەم ئەسكەرلىرىنىڭ ساپاسى ھەمشە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەترەتنى شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ قارىشى بىردەك بۇلۇپ، ھەممىسىلا ئۇرلارنى شىنجاڭنى تىنىچلاندۇرماقچى ،دەپ قارايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە <<يەر شارى ۋاقىت گېزىتى>> مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭدا پۇقرالارنى زىيارەت قىلغاندا ئاڭلىغان ئەڭ كۈچلۈك ئارزۇ.

<<<يىلپىز>ئارقىلىق شىنجاڭنى تىنىچلاندۇرۇش>>

     شىنجاڭ قەشقەردە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە يېرىم ئاي بولدى. شىنجاڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى يەنە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ باياناتچىسى <<يىلپىز>>  زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىلىكىنى، قەشقەر ۋە خوتەندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى، ھازىر قەشقەرگە 460كىلومىتىر كېلدىغان ئاقسۇ شەھىرىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى دەلىللىدى، دېيىلدى.

     فىرانسىيە رادىيوسىنىڭ خەۋرىدە: << يىلپىز >> زەربىدارلار ئەترىتى جوڭگو قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭ باش ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەش شۆبە تارماق ئەترىتىگە تەۋە. بۇ ئەترەت 2002-يىلى دېكابىردا تەشكىللەنگەن، << تىنىچلىق بۇرچى - 2007>>شەرتلىك بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشقاندىن كېيىن نامىنى ئۆزگەرتكەن. <<يىلپىز>>زەرىبدارلار ئەترىتى بۇلتۇر قەشقەردە <<تەڭرىتاغ- 2>> شەرتلىك بەلگىلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشقان. شۇڭا بۇ ئەترەت شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا ناتۇنۇش ئەمەس، دېيىلىدى.

     جوڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسۋەت تەتقىقات ئورنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي<< يەر شارى ۋاقىت گېزىتى>>مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ:<<يىلپىز>>زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ جانلىق ھەم تېز ئىنكاس قايتۇرش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ، مەملىكەت ئىچىدە تېز  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. شۇڭا ئەترەتنىڭ شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىشى ناھايىتى نورمال، دېدى.

     فىرانسىيە <<فىگارو گېزىتى>> نىڭ خەۋرىدە: جۇڭگو مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى ئەيىبلەشنى كۈچەيتتى ھەمدە تېررورىزمغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. جوڭگو نۆۋەتتە <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىنى شىنجاڭنىڭ سەزگۈر رايونىغا ئەۋەتىپ، سىېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جوڭگو-ئاسىيا-ياۋرۇپا يەرمەنكىسىنىڭ خەۋەپسىزلىكىنى قوغداشقا ھازىرلىق كۆردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە جوڭگو دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىم ئەربابلار قاتنىشدىكەن، دېيىلدى. يەنە بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىدە: ئىستىراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى تېررورلۇق ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن خوتەن بىلەن قەشقەرگە تەسىر كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېيىلدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى كوزىر ئەترەت زادى قانداق

     يەڭ بەلگىسىگە كۈچلۈك نەزەر تارتقان يىلپىزنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، تۈرلۈك قورال-ياراقلار بىلەن تۇنۇشۇش، 2008-يىلدىكى ئو ت م دا ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نەزىرىدە سىرلىق تۈس ئالغان.

     كورىيە<<چاۋشەن گېزىتى>> نىڭ خەۋرىدە مۇنداق دىيىلدى: <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىدىكىلەر ئالاھىدە تاللانغان ئەسكەرلەر بۇلۇپ، ھەربىر ئەسكەرگە سەپلەنگەن ئۆتكۈر قورال جابدۇقنىڭ قىممىتى 300يۇەنگە يېتىدۇ. ئىلگىرى جوڭگو-رۇسيە <<ھەمكارلىق-2007>> شەرتلىك بەلگىلىك بىرلەشمە مانۋېرىغا قاتناشقان رۇسيە ئەسكىرى رۇسيە ئاخبارات تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: جوڭگونىڭ <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىگە سەپلەنگەن تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەربىي ئاپتومۇبىلى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپىلىك لازېر نۇرلۇق مىلتىق ھەم يېڭى تىپتىكى ئاپتوماتىك قاتارلىق قوراللىرى بىزدىمۇ يوق، دىدى. رۇسيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى قوغدىنىش قىسمىنىڭ قوماندانى نىكولاي روگژىن: ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا مول تەجىربىگە ئىگە، ئۇلار جوڭگو خەلىقىنى پەخىرلەندۇردىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر، دېدى. 

     جوڭگو ھەربىي تەرەپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە: بۇ بېيجىڭدا تۇرۇپ، پۈتكۈل مەملىكەتكە يۈزلىندىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى كوزىر ئەترەت. قۇرۇلغاندىن بۇيان 90قېتىمدىن ئارتۇق تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىدى ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاماملىدى. <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى مەخپى بولغاچقا، چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ئەترەتنىڭ ئەملى كۈچى توغرىسىدىكى قارشى بىردەك ئەمەس. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ ئەترەتتە 400ئەسكەر بۇلۇشى مۆمكىن، دېيىلىدى.

     <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىىتىدىن چېكنگەن بىر ئەسكەر<< يەر شارى  ۋاقىت گېزىتى>> مۇخبىرىغا ئەترەتنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: <<يىلىپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەسكەر تاللىشىنى مىڭدىن بىرنى تاللاش دىسەك ئارتۇق قىلمايدۇ. مۇناسۋەتلىك خادىملار يىلدا 10مىڭغا يېقىن يېڭى ئەسكەرلەر ئىچىدىن 120ئەسكەرنى تاللايدۇ. ئۇلار سىياسى تەكشۇرۇش، سالامەت تەكشۇرۇش، مەدەنىيەت پەنلىرى ئىنتىھانى، پىسخىكا جەھەتتىن سىناش قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئۈتۈپ، سەككىز ئاي قاتتق  مەشىقلەنگەندىن كېيىن 70-80 ئەسكەر ئىككىنجى سەپ ئەترەتكە تاللىندۇ. بىر يىل جاپالىق مەشىق قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ يەنى 20پىرسەنتى شاللىۋېتىلىدۇ. سىناقتىن ئۆتكەنلىرى<<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ رەسمى ئەزاسى بۇلۇپ، تېررولۇققا قارشى تۇرۇش مەشىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇلار يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۇرۇپ باھالىندۇ، باھالاشتا لاياقەتسىز بولغانلار ئوخشاشلا شاللىۋىتىدۇ.

     ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى شى ۋېيلىياڭ << يەر شارى ۋاقىت گېزىتى >> مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، مۇشۇنداق زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ بۇ شەھەردە تۇرغانلىقىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ :ھازىر كوچىدا ئالاھىدە ساقچىلار چارلاۋاتىدۇ، يول بۆلەكلىرىگە قورۇلغان تەكشۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئۆتكەن كەچكەنلەر تەكشۇرۇلۋاتىدۇ، بىز ناھايىتى خاتىرجەم. ئالاھىدە ساقچىلارنى كۆرگىنىمىزدە ئۇلارنى <<يىلپىز>> زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىگىگە ئىشەنچە قىللالمىدۇق. ھازىر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇق، ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكى تېررورچىلارنى چۆچۈتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل، دىدى. 

     جوڭگو ھازىرىقى زامان خەلىق ئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي : شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە خەلق ئارا تېررورلۇق ھەركىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى بولغاچقا، خەلق ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاستە بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك ، دىدى. 

     <<  يەر شارى ۋاقىت گېزىتى>> مۇخبىرى نۇرغۇن دۆلەتنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئوخشاش ئەھۋالنى بايقىدى. مۇخبىر بۇلتۇر 26-فېۋرال ئافغاننىستان پايتەختى كابۇلغا بېرىپ ئالتە سائەتتىن كېيىن، شەھەر مەركىزىدە كۆپ يىلدىن بۇيانقى ئېغر تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى، مۇخبىر 10مىنۇتتىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ، ئامېرىكا << تيۇلېن>> زەربىدارلار ئەترىتى، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، زەربىدارلار ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ تالىبان بىلەن ئېتىشۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئافغانىستان ئەمەلدارى مۇخبىرغا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرسىلا، زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللۇندىغانلىقىنى ئېيتتى.

     لى ۋېي مۇنداق دىدى: جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاساسلىقى ج خ ، قوراللىق ساقچى قىسىمى بىلەن ھەربىي تەرەپتىن كېلىدۇ. تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش، ئايروپىلان بۇلاشقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تېررورلۇققا چېتىلدىغان چوڭ دېلولاردا << يىلپىز >> زەربىدارلار ئەترىتىگە مۇھتاج بۇلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

     قەشقەر بۇلتۇر غەربى رايوندىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولدى،  شۇنداقلا چەت ئەلىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆزىتىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى. شىياڭگاڭ << نەنخۇا سەھەر  گېزىتى >> نىڭ خەۋرىدە: كەسكىن ۋەزىيەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى توسوپ قالالمايدۇ، بۇ قەشقەر يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىرادىسى. جوڭگونىڭ بۇ جاينى گۈللەنگەن پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇپ چېقىش ئىرادىسىگە ئۆزگىرىش بولمىدى، دېيىلدى.

     نۆۋەتتە قەشقەردە بىر تۈرلۈك خادىم قۇبۇل قىلىش پىلانى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، يىللق مائاشغا 200مىڭ يۇەن بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلىپ قىلماقچى.

     رۇسىيە جوڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىىسى ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەنىدى. شىنجاڭدا ئىيۇلنىڭ ئاخىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ روسيەنىڭ << ھەقىقەت گېزىتى>> دە ماقالە ئېلان قىلىپ،: بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرنىڭ بىرى، نوپۇسى 3مىلىيۇندىن ئاشىدۇ. گۈللەنگەن ئىقتىساد بۇ شەھەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. جوڭگو ھۆكۈمىتى يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان يەرلىككنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ ئۈنۈم ياراتتى، دېدى.

     گىرمانىيە << جەنۇبىي گىرمانىيە ئىرادىسى گېزىتى>> نىڭ ئوبزورىدا: بېيجىڭ نامرات رايونلارغا مەبلەغ سېلىپ، رايونلارنىڭ پەرقىنى كېچىكلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىراق بۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، دېيىلدى.


مەنبە : يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدىن

سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتىدىن ياپىراق تەرجىمىسى

ياخشىكەن
(6)
75%
ناچاركەن
(2)
25%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر