نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

پەلەك شاھى ئادىل ھۇشۇر خەلق تورىدا

يوللانغان ۋاقتى: 05:58 05-02-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەلەك شاھى ئادىل ھۇشۇر خەلق تورىدا «شىنجاڭ خەلق ئۇنىۋېرسال سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى» توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى، بېيجىڭ، 26-ئاپرېل تېلېگراممىسى. 26-ئاپرىل، 9-، 10-، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېرك ئارتىسى، جۇڭگو سېرك سەنئەتكارلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى، پولات ئارغامچىدا مېڭىش، ماھارەت كۆرسىتىش جەھەتتە ئۇدا بەش قېتىم جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان، 2000-يىلى 15-نويابىر جۇڭگو سېرك ئۆمىكى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «پەلەك شاھى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭ داۋازلىق سەنئىتىنىڭ 6-ئەۋلاد ۋارىسى ئادىل ھۇشۇر ئەپەندى «شىنجاڭ خەلق ئۇنىۋېرسال سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى» توغرىسىدا خەلق تورىدا سۆھبەتتە بولدى.
ئادىل ھوشۇر سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى تورداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەمدە تورداشلارنىڭ ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋېتىشتىن كىيىن، شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارنىڭ شۇنداقلا غەيرىي مەدەنىي مىراسلارنىڭ خەلقئاراغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى. 12 مۇقام، مەشرەپ مۇقاملىرى، داۋازلىق قاتارلىق مىللىي سەنئەتلەرنىڭ مەملىكەتلىك شۇنداقلا خەلقئارالىق سەھنىلەردە قويۇلۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە «شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلار مەملىكەتنىڭ قەيېرىگىلا بارسۇن، ھەر مىللەت ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ، بۇ يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دېدى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ «سەنئەت دېگەن بىر مىللەتنىڭ يۈزى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ يۈزى. قۇرۇلتاي يىغىنىدىمۇ زۇڭلى ۋېن جياباۋ ‹سەنئەت دېگەن بىر دۆلەتنىڭ ئوبرازى› دېگەن، زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ مۇشۇ سۆزىدىنلا بىز سەنئەتنىڭ بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز» دېدى. ھەمدە ھازىرقى ياشلارغا ساغلام، كىشىگە ھەقىقىي ھۇزۇر بېغىشلىيالايدىغان سەنئەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋە ياخشى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداق بولغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.
ئادىل ھوشۇر يەنە مۇنۇلارنى دېدى: مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىساد بىر بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆز ئارا شەرت قىلىشىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رەھبەرلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان تۇنۇشى ئىنتايىن ياخشى، سەنئەتكە سېلىنىۋاتقان مەبلەغمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن: مەركىزىي تەشۋىقات بۈلۈمى بۇلتۇر شىنجاڭغا 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدىن 300 مىڭ يۈەننى دىلنار ئابدۇللانىڭ ئۇسۇل كەسىپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن، 400 مىڭ يۈەننى بولسا سېرك مەيدانىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلدى. شۇنداقلا يەنە مېنىڭ قەشقەر يىڭىساردا داۋازلارنى تەربىيىلەش سىنىپىنى ئىچىشىمنى يېقىندىن قوللاپ مەركەز 2 مىليون يۈەندەك، ئاپتونوم رايون 4 مىليون يۈەندەك بولۇپ جەمئىي 6 مىليون يۈەندەك پۇل ياردەم قىلدى. بۇ پۇل ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى، بۇ پۇل بىزگە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق ياخشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىت بولغانىكەن ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئىتى تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، راۋاجلىنىدۇ. (مۇخبىر قەدرىيە، ھەبىبە)

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر