ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

128 يۈەنلىك پولۇ ، 98 يۈەنلىك كالا گۆشى ئۈگرىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-19 02:22 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بىر چىنە كالا گۆشى ئۈگرىسى 98 يۈەن ، بىر تەخسە پولو 150 يۈەن ، شۇنداقمۇ ئىنسابسىزلىق بولامدۇ ؟ مانا بۇ
  
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بىر چىنە كالا گۆشى ئۈگرىسى 98 يۈەن ، بىر تەخسە پولو 150 يۈەن ، شۇنداقمۇ ئىنسابسىزلىق بولامدۇ ؟ مانا بۇ 8 - دېكابىر سائەت 9 دىن 8 مېنۇت ئۆتكەندە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن فاڭمىڭنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئېيتقان سۆزى . ئارقىدىن ، ئۇ يەنە مىكرو بلوگدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىننى بۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ باقسا دەپ تەكلىپ بەرگەن .  
 11 - دېكابىر ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى T2、T3 بېكەتلىرىدە ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بىراق شۇ يەردىكى قەھۋەخانا ، قولايلىق ماگىزىنلاردا ئادەملەر سانىۋالغۇدەكلا ئىدى .   
 بىزنىڭ بۇ يەردە توك بار ، تېلېفونىڭىزغا توك قاچىلىسىڭىز بولىدۇ ، مۇلازىم قىز مۇخبىرغا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى . كالا گۆشى ئۈگرىسى 98 يۈەن ، سوغۇق سەي ، مېۋە ۋە تۇخۇم قوشۇپ بېرىلىدۇ ، مىفەن 108 يۈەن ، گۆش پولو 128 يۈەن ، شورپا ، سوغۇق سەي ، مېۋە قوشۇپ بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا چاي ۋە قەھۋەنىڭ ھەر بىر ئىستاكانى 90 يۈەن .   
يەنە بىر دۇكاندا مۇخبىر ۋاڭ لاۋجى ، قىزىل بۇقا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ 20 يۈەن ، كىچىك بوتۇلكىلىق پىۋىنىڭ 48 يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن .
‹‹ مەن ئادەتتە ئۆيدە تاماق يەۋېلىپ ، ئاندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرىمەن ، ئايروپىلاندا ئولتۇرىدىغانلار ئۈچۈن ، ئايرودۇرۇمدا تاماق يېيىش شەرت ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى تاماقلارنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت ›› ، - دېدى پات - پات كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ياڭ خانىم . 
مۇخبىر يەنە ئايروپىلانغا چىقىدىغان ئېغىزلاردىكى ئىچىملىكلەرنىڭ 20 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ، ئادەتتىكى مېنىرال سۇنىڭ 5 -6 يۈەن ئىكەنلىكىنى ، ئايروپىلاندىن چۈشىدىغان ئېغىزدا سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ 6 يۈەندىن 8 يۈەنگىچە ئىكەنلىكىنى بايقىغان .  
مۇناسىۋەتلىك خادىم بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان يولۇچىلارنىڭ ئەھۋال ئىنكاس قىلغانلىقىنى ، ئايرودۇرۇم ئەتراپىدا تاماقخانىلارنىڭ بولماسلىقى تاماق باھاسىنىڭ  يۇقىرى بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان .

مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
 
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>