جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مەملىكەت ئىچىدىكى 40دىن ئارتۇق پوقراۋى كارخانا تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە «شەرەپلىك ئىشلار شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى، بۇ كارخانىلار شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلار بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 122مىليارد 600مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالىدى ھەمدە نامراتلارنى يۆلەشكە 12مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.
تۈر مەبلىغىنى مەركەز قىلغان نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش- شەرەپلىك ئىشلار ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى. بۇ قېتىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ شىمالىي تۆپىلىكىدىكى ئىقتىسادىي بەلبېغىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر سانائىتى، ئۆي-مۈلۈك، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |