نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

يىگىت-قىز ئۇچرىشىشىغا چىققان قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى

يوللانغان ۋاقتى: 14:08 30-04-2011 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
يىگىت-قىز ئۇچرىشىشىغا چىققان قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى
شىنخۇا تورى 30-ئاپرىل خەۋىرى: گۇاڭشى گۈيگۇاڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خې X ئەلچىلەرنىڭ 300 يۈەنلىك سوۋغىسىنى كۆرۈپلا 30 ياشلىق قىزى ئالىڭنى ناتونۇش ئەلچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقارغان، ئاقىۋەتتە  بۇ قىزچاق ئەلچىلەر تەرەپىدىن چەت بىر جايغا سولاپ قۇيۇلۇپ كۆپ قېتىم ھاقارەتكە ئۇچراپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان. گۈيگۇاڭ شەھەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئالىڭنى قۇتقۇزۇپ چىققان ھەمدە ئىككى ئەرنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئالىڭ گۈيگاڭ شەھىرى گاڭنەن رايونى مۇگې بازىرىدا تۇرىدىغان بولۇپ، تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىشلەتكەنلىكتىن ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن تۆۋەن، بىراق ئۆزىنى كۈتۈش تۇرمۇش ئادىتى، ئۆي ئىشى قىلىش جەھەتلەردە ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئۆزىنىڭ كېسىلى سەۋەبىدىن لايىق تاپالمىغاچقا 30 ياشقىچە توي قىلمىغان بولۇپ، بىر قانچە قېتىم مەھەللىسىدىكى ئەلچىلەر لايىقلارنى تاپقان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان. بۇ ئەھۋال ئالىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەنسىرىتىپ قويغان. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى،ئىلگىرى ئالىڭغا لايىق تۇنۇشتۇرغان ليۇ X ئالىڭنىڭ دادىسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئالىڭغا لايىق  تاپقانلىقىنى، قارشى تەرەپنىڭ گۈيپىڭلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، قىزىنى ياتلىق قىلالمايۋاتقان خې ناھايىتى تېزلا قوشولغان.
23-ئاپرىل چۈشتە، ليۇ X گۈيپىڭدىن كەلگەن  خۇاڭ X قاتارلىق ئىككى ئايالنى باشلاپ خې X نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالىڭنى گۈيپىڭغا يىگىت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئالىڭمۇ بېرىپ كۆرۈشۈپ باقاي دېگەن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن گۈيپىڭدىن كەلگەن ئىككى ئەلچى ئايال ئالىڭنى تاكسىغا ئولتۇرغۇزۇپ گۈيپىڭغا ئېلىپ ماڭغان، ئالىڭ ئۇلاردىن «ياتلىق بولۇش» سوۋغىسى ئۈچۈن 1000 يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەلچىلەر ئۇنىڭغا 300 يۈەن بەرگەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەلچى خۇاڭ X ئالىڭنى گۈيپىڭ شەھىرى شىلوڭ بازىرى بىلەن قوشنا بولغان گۈينەن شەھىرى چىڭفېڭ بازىغا ئېلىپ بېرىپ شۇ جايدىكى  ئادەم يوق بىر ئۆيگە سولاپ قويغان ھەمدە ئالىڭغا گۈيپىڭلىق يىگىت قايتىپ كەلگەندە ئۇلارنى كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە كۆرۈشۈش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا  ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇ كۈنى كەچتە، خۇاڭ X گۈيپىڭ شەھەرلىك شىلوڭ بازىرىدىكى 50 ياشلىق ئەر لوڭ X ۋە لياڭ X نى چاقىرىپ كېلىپ ئالىڭغا قاراپ تۇرۇشنى ئېيتقان.
شۇ كۈنى كەچتە، ئالىڭ ئۆيىگە قايتىشنى تەلەپ قىلغان، سائەت 9 لەر ئەتراپىدا  لياڭ X بىلەن لوڭ X دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيدىن قېچىپ چىققان، لېكىن بۇ ئىككى ئەر بايقاپ قېلىپ خۇاڭ X غا تېلىفۇن قىلغان ھەمدە بۆلۈنۈپ ئىزدەپ 24- ئاپرىل سەھەردە ئالىڭنى تۇتىۋېلىپ يەنە قاماپ قويغان ھەمدە يەنە قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالىڭنى تاسما بىلەن ئۇرۇپ تەھدىت سالغان.
24- ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، ئالىڭ تاماق ۋە دورا يىيىشنى رەت قىلغان، ئەمما لوڭ X بىلەن خۇاڭ X زورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن ئالىڭغا مەجبورىي دورا يىگۈزگەن ھەمدە ئالىڭنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ بىرلىشىپ كەينى-كەينىدىن كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان.
24- ئاپرىل كەچ سائەت 11 لەردە ئالىڭنىڭ يىغا ئاۋازى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئەتراپتىكى كىشىلەر يامان ئەھۋال بولغان ئوخشايدۇ دەپ پەزەز قىلىپ 110 غا تېلىفۇن قىلغان، چىڭفېڭ تەپتىش مەھىكىمىسىدىكىلەر دەرھال نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ ئالىڭنى قۇتقۇزۇپ چىققان ھەمدە لوڭ X، لياڭ X ۋە خۇاڭ X لارنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
ياخشىكەن
(5)
41.7%
ناچاركەن
(7)
58.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر