جۇڭگو نېفىتى شىركتىنىڭ 3-ئاۋغۇسىت ئاشكارىلىشىچە ،بۇ يىلدىن بېرى بۇ شىركەتنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىكى قېدىرىشى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ بىر تۈركۈم زاپاس مقدارى غايەت زور بولغان تەبئىي گازلىق بايقىغان بولۇپ زاپاس مقدارى 200مىلىيارد كۇبقا يېتىدىكەن. بۇ زات مۇنداق دېدى:شىمالىي گازلىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن مۆلچەرلىنىشىچە يەككە قۇدۇقنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مقدارى 500مىڭ كۇب مېتىردىن يۇقۇرى بولىدۇ. ئېگىلىنىشىچە ،2010-يىلى تارىم نېفىتلىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مقدارى 8مىلىيۇن توننا بولۇپ ،تەبئىيى گاز ئىشلەپچىقىرىش مقدارى17مىلىيارد 400مىلىيۇن كۇب مېتىربولغان .بۇ نېفتلىك جۇڭگو نېفىتى قارمىقىدىكى 3-چوڭ نېفتلىك ۋە گازلىق. جۇڭگو نېفتى شىركىتىنىڭ پىلانلىشىچە 2020-يىلغا بارغاندا تارىم نېفتلىكىنىڭ تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مقدارى 32مىلىيارد كۇبقا يەتكۈزۈلۈپ كۈندىلىك ئىشلەپچىقرىش 40مىلىيۇن توننىلىق سەۋىيەگە يېتىدىكەن. يۇقۇردىكى ئەربابنىڭ دېيىشىچە 2000-يىلى قارىماي 2-قۇدۇقىدا 280مىلىيارد كۇب مېتىرلىق گازلىق بايقالغاچقا گوۋۇيۈەن ئاندىن غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.نۆۋەتتە «غەرب 1-لىنىيسى »دەپ ئاتالغان تەبئىي گاز تۇربىسىنىڭ يىللىق توشۇش مقدارى 15مىلىيارد كۇب مېتىرغا يېتىپ شەرقىي جۇڭگو ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئاساسلىق تەبئىي گاز تەمىنلىنىش مەنبەسىگە ئايلانغان. مەنبە:http://finance.ifeng.com/news/corporate/20110805/4356595.shtml |