نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

نىجاسەتلەر ئارىسىغا تاشلانغان بالا ھايات قالدى

يوللانغان ۋاقتى: 14:14 30-04-2011 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇغۇلۇپلا ھاجەتخانىدىكى نىجاسەتلەر ئارىسىغا تاشلانغان بالا ھايات قالدى

 

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن،  ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاق  ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ھاجەتخانىغا تاشلىۋىتىلگەن.  بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئۇنداقتا، بۇ قارا كۆڭۈل ئانا نېمە ئۈچۈن بالىنى تاشلىۋىتىدۇ؟

« بۇ يەردە مۈشۈك بەك كۆپ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانىدا بۇنچە مىياڭلايدىغاندۇ؟» تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈەنتوڭشې17- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ليۇسۇفاڭ  ھاجەتخانىدىن مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ھاجەتخانىدىن تېزلىك بىلەن كېتىدۇ. تەخمىنەن 40 مىنۇتتىن كېيىن، ليۇسۇفاڭ يەنە ھاجەتخانىغا كېلىدۇ.  «بەزەنلەر نېمانچە مەينەت!» دەپ غۇدۇراپ قويىدۇ ئۇ ھاجەتخانىنىڭ ئولتۇرىدىغان يىرىنىنىڭ قانغا بويالغانلىقىنى كۆرۈپ.بۇ ۋاقىتتا«مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى» يەنە ئاڭلىنىدۇ. ليۇسۇفاڭ ئازراق بىنورماللىق ھىس قىلىپ،  ئۆيگە بىرىپ قول چىراق ئېلىپ كېلىپ، قوشنىلىرىنى باشلاپ كېلىپ،
«مۈشۈك مىياڭلىغان ئاۋاز» چىققان بۇ ئەنئەنۋى شەكىلدىكى ھاجەتخانىغا ئورىكىگە قاراپ چۈچۈپ كېتىدۇ. بۇ ئورەكتە نىجاسەتلەر ئارىسىدا بىر بوۋاق تۇراتتى. ليۇسۇفاڭ  دەرھال قىزى شياڭخۇانى چاقىرىپ بوۋاقنى ئورەكتىن چىقىرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئورەك ھەم تار ۋە چۇڭقۇر بولغاچقا، ئۇلار ئامال قىلالمايدۇ.  ئۇلار ئالدىراپ 119 بىلەن120 غا تېلېفون قىلىدۇ.

ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئورەكنى قازدى

يۈجوڭ رايونى شياۋشېزى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال بۇ ھاجەتخانىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ھاجەتخانا  10 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىدىغان ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ھاجەتخانا ئىدى.ئورەك ئاستى قىيپاش قىلىنغان بولۇپ، نىجاسەت قىيپاش يەردىن ئورەككە چۈشۈپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىكى خادىملار بالىنىڭ قىيپاش تەرەت يولىنى بويلاپ ئورەككە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى پەرەز
قىلىشتى. ھەر نېمە بولسا بالىنىڭ يۈز ئۈستىگە قاراپ قالغان بولۇپ، چىقىرىندىلار ئۈستىدە لەيلەپ قالغان ئىدى.
ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىكى خادىملار ئۆلچەش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يەر يۈزىدىن 1.3  مېتىر چۇڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى،  قۇتقۇزۇش قوراللىرى ئىشلەتكەندە بالىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
شۇڭا ئۇلار قولى بىلەن قۇتۇلدۇرۇشنى توغرا تاپتى.ئوت ئۆچۈرۈش تارماقىدىكى  لىچياۋدوڭنىڭ بويى 163 سانتېمىتىر بولۇپ، بەدىنى چاققان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئورەك ئېغىزى بەكلا تار بولغاچقا لىچياۋدوڭ يۈزىدىكى نىقابىنى ئېلىۋىتىپ، نىپىز ماسكا تاقاپلا ئورەككە چۈشتى.  بىراق بەكلا تار بولغاچقا  ئۇ يەنىلا يېنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى. بىر نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى دەرھال بۇزۇش  ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، بىتوننى چاقماقچى بولدى. چېقىلغان چاغدىكى پارچە تاشلارنىڭ بالىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئاھالىلەر تور ئەكىلىپ،  بىخەتەرلىك تورى قىلىپ ئاستىغا ئورنىتىپ قويۇشتى.سىمونت چىقىلغاندىن كېيىن، لىچياۋدوڭ يەنە بىر قېتىم ئورەككە چۈشتى. ۋە بالىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ چىقتى. بىر سائەتتىن ئارتۇق  قۇتقۇزۇش ئارقىلىق بالا ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقتى، خۇشاللىقتىن ئەتراپتىكى ئاھالە چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.   ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر سۇ ۋە داس ئېلىپ كېلىپ بالىنى يۇيۇشتى. ۋە بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ قويدى. دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ ھەم سىسىق ۋە سوغۇق نىجاسەتلەر ئارىسىدا ئۈچ سائەت تۇرغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى ئىكەن، باشقا كىسەللەر بارمۇ يوق داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
 
ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش

يۈەنتوڭشېدىكى ئاھالىلەر بۇ ئەتراپتا ھامۇلدار ئايالنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى دېيىشتى، ئاھالىلەر رايونىدىكى ۋۇ خانىممۇ  ھامۇلدار ئايال تېزىملىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ليۇسۇفاڭنىڭ قىزى بۇ ھاجەتخانىنى نەچچە يۈز ئاھالە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ سائەت 7:00 دىن 8:00 غىچە ئادەمنىڭ بەك ئىكەنلىكىنى، بالىنىڭ تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.تۈنۈگۈن چۇڭچىڭ جېيۈەن ئادۋوكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئادۋوكات خۇشۇچۈن مۇنداق دەيدۇ:  بالىنىڭ ئانىسى «قوش جىنايەتكە ئىگە»بىرى تاشلىۋىتىش جىنايىتى ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى. ئالدىنقىسىغا ئۈچ  يىل ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. كېيىنكىسىگە 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.  ئەگەر  بالا ئامان قالمىغان بولسا جازا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولاتتى.يۈجوڭ رايونلۇق ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە، بۇ ئىشنى تەكشۈرمەكتە.






ياخشىكەن
(9)
42.9%
ناچاركەن
(12)
57.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر