جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇسا ئىبراھىم 30-ئاپرېل كېچىدە جىددى مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، كازافېينىڭ كەنجى ئوغلى سەيىف ئەرەب ۋە ئۈچ نەۋرىسىنىڭ شۇ كۈنى غەرب بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەخت ترىپولىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەندە قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ چاغدا كازافېينىڭ ئۆزى ۋە ئايالىمۇ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇرالغۇسىدا ئىدى، لېكىن ئۇلار ئامان قالدى. ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ترىپولىدىكى نۇرغۇن ئامما كوچىلارغا چىقىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى قىلىپ، غەرب بىرلەشمە ئەللىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن غەزەپلەندى ھەمدە كازافېي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قوللايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |