7 - ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 2:30 ئۆتكەندە ، كۈنمىڭ شەھىرى گۈەندۇ رايونى دابەن كۆۋرۈكى ئايى كەنتىدە كاۋاپ يەۋاتقان 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى فۇ گوجۈن يۈننەن رۇيباڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمەت شېركىتىنىڭ 40 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىسى تەرىپىدىن دۇمبالىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن . « ئىشتىن كىيىن بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار گۈەندۇ رايونى دابەن كۆۋرۈكى كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامانلىق ساقلاش فورمىسى كىيىۋاپتىكەن » دەيدۇ فۇ گوجۈننىڭ دادىسى فۇ كۈن مۇخبىرغا .
ئۆلگۈچىنىڭ نەۋرە ئىنىسى سۈي ۋېنخاۋنىڭ دادىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى سائەت 2:30 ئەتراپىدا ئۇ ۋە ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ نەق مەيدانغا كەلگەن . ئۇلار كەلگەندە ساقچىلار تەرتىپ ساقلاۋاتقان بولۇپ ، ۋەقە چىقارغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلارمۇ باركەن . بۇ ئىككىيلەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلاردىن نىمىشقا ئادەم ئۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا ، ئۇلار « بۇنى بىزدىن سورىماڭلار . بىز ئادەمنى خاتا ئۇرۇپ قويۇپتۇق ، داۋالىنىش ھەققىنى بىز تۆلەيمىز » دىگەن ، ئاندىن « بىر ، ئىككى ، بىر » دەپ كوماندىغا ئەگەشكىنىچە كېتىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن ماشىنا بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەن ھەم ئۇلارنىڭ دابەن كۆۋرۈكى كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن .
دابەن كۆۋرۈكى كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، بۇ 40 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ بۇ ئىش باشقارمىسى بىلەن پەقەتلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، رۈيباڭ ئامانلىق ساقلاش شېركىتى تەرىپىدىن مەزكۇر ئىش باشقارمىسىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن . ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى رۈيباڭ شېركىتىدە ئىكەن . ئۇنىڭ يەنە مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى كەچتە « گۈللەنگەن ئاستانە » KTV خانىسىدا ماجرا يۈز بەرگەن بولۇپ ، KTV دىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كوچا ئىش باشقارمىسىغا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ تەرەپتىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ كېلىپ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان . چۈنكى KTV دىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىلەن كوچا ئىش باشقارمىسىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى رۈيباڭ شېركىتىگە قاراشلىق ئىكەن . نەتىجىدە ئىش باشقارمىسىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار KTV غا ياردەمگە بارغان . ئېھتىمال ئۇلار يول ئۈستىدە ئۆلگۈچى فۇ گوجۈننى ئۇچرىتىپ قالغان ھەم ئۇنى KTV دا جىدەل چىقارغانلارغا ئوخشىتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ ئىشلاردىن كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ خەۋىرى يوقكەن . نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ ۋەقەنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن .
ئۆلگۈچىنىڭ لايىقى قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكتىن ، قولىغا تۆمۈر تاختاينى ئېلىپ دېرىزىنى چېقىشقا ئۇرۇنماقتا . ساقچىلارنىڭ كەينىدىكى ئۆيدە ۋەقە تۇغدۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بار .

ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى ۋەقە چىقارغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار كىرىۋالغان ئۆينىڭ دېرىزىسىنى چاقماقتا .
ۋەقە تۇغدۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تىزگىنلەندى .
ۋەقە تۇغدۇرغان ئامانلىق ساقلىغۇچىلار .
كەنت ئاھالىرى ئۇلاردىن ۋەقە چىقارغاندا كىيگەن ئامانلىق ساقلاش فورمىسىنى كىيىۋىلىشنى ، ئۇلارنىڭ فورما كىيگەن ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىۋىلىشنى تەلەپ قىلغان . ئىككى سائەتتىن كىيىن مۇخبىر بۇ يەردىن ئايرىلغاندىمۇ ئىككى تەرەپ تېخىچە بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن .
|